تۇرپاندا زەھەرلىك چېكىملىك ياساش زاۋۇتى پاش بولدى


2006.09.19

ئۇيغۇر ئېلى قانۇن تور بېتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، يېقىندا تۇرپان ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى، توقسۇن ناھىيىلىك ساقچى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى بىلەن گۇاڭجۇ شەھەرلىك ساقچى دائىرىلىرى ھەمكارلىشىپ تۇرپان دائىرىسىدە زەھەرلىك چېكىملىك پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان 16 كىشىدىن تەركىپ تاپقان بىر گۇرۇھنى پاش قىلغان. خىتاي دائىرىلىرى بۇ جىنايەتچىلەرنىڭ ئىچىدە ۋاڭ ۋە دېڭ فامىلىلىك جىنايەتچىدىن باشقا يەنە بىر شياڭگاڭ پۇقراسى بارلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، قالغانلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى ئاشكارىلىمىدى.

يالقۇنتاغ باغرىدىكى جىنايى قىلمىش

خەۋەرلەردىن قارىغاندا مەزكۇر زەھەرلىك چېكىملىك پىشىشلاپ ئىشلەش ۋە سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن گۇرۇھ بىلەن تەڭ يەنە، زور مىقداردا زەھەرلىك چېكىملىك بويۇملىرىنى قولغا چۈشۈرگەن. قولغا چۈشكەن بۇ زەھەرلىك بويۇملار ئاساسەن ئېفېدرىن بويۇملىرى بولۇپ، ئۇلار جەمئىي 629 كىلوگرام خام ئېفېدرىن، 118 كىلوگرام ئېفېدرىن جەۋھىرى ھەمدە يەنە 50 توننا كېلىدىغان ئېفېدرىن مەلھىمى قاتارلىقلار ئىكەن.

ئېفېدرىن -كەندىردىن ئايرىپ چىقىرىلغان بىر خىل كۈچلۈك خۇمار قىلىش خاراكتېرىگە ئىگە چەكلەنگەن زەھەرلىك چېكىملىك تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن خىمىيىلىك تەركىپ.

بۇ زور مىقداردىكى ئېفېدرىن زەھەر بويۇملىرى توقسۇن ناھىيىسىدىكى مەلۇم زاۋۇتنىڭ ئىسكىلاتىدىن بايقالغان. دەسلەپكى قەدەمدە ئېنىقلىنىشىغا قارىغاندا پاش بولغان بۇ زەھەر گۇرۇھىدىكى دېڭ فامىلىلىك جىنايەتچى، مەزكۇر زاۋۇتنىڭ ئائىلىلىك قورۇسىدا ئولتۇرۇشلۇق، ئىسكىلاتنىڭ قارانچۇقى ئىكەن. ساقچىلار يەنە دېڭنىڭ ئۆيىنى ئاختۇرۇپ مەلۇم مىقداردا خېروئىن تاپقان.

نۆۋەتتە رايوننىڭ ساقچى دائىرىلىرى زور مىقداردا زەھەرلىك چېكىملىك بويۇملىرى تېپىلغان بۇ زاۋۇتنى پېچەتلەپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.

ساقچى: ھازىرچە سىرتقا ئاشكارىلىمايمىز، باشلىق تەستىقلىشى كېرەك

بىز 50 توننىدىن ئارتۇق ئېفېدرىن بويۇملىرى بايقالغان توقسۇندىكى زاۋۇت ھەمدە مەزكۇر دېلوغا چېتىشلىق جىنايەتچىلەر ھەم دېلونىڭ تەكشۈرۈلۈش ئەھۋاللىرى ھەققىدە تۇرپان ھەمدە توقسۇن ساقچى دائىرىلىرىگە تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ئەمما تېلېفوننى ئالغان ساقچىلار بۇ ھەقتە ھازىرچە مەلۇمات بېرەلمەيمىز دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇيغۇر ئېلىدا مەزكۇر ئېفېدرىن ياساش زاۋۇتى بايقالغاندىن باشقا يەنە 2006 - يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ زور مىقداردىكى زەھەرلىك چېكىملىك يۆتكەش دېلوسى پاش بولغان. يەنى شىخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ سەيشەنبە خەۋەر قىلىشىچە، كۇنمىڭدىن ئۇچقان بىر قېتىملىق ئايروپىلان 17 - سېنتەبىر كۈنى ئۈرۈمچىگە قونغان ھامان ئۈرۈمچى زەھەرلىك چېكىملىككە زەربە بېرىش ساقچى ئەترىتى 7530 گىرام ساپ خروئىننى ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەپ كەلگەن ئۈچ نەپەر زەھەر ئەتكەسچىسىنى قولغا ئالغان. بۇ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ زور مىقداردا زەھەرلىك چېكىملىك يۆتكەش دېلوسى ھېسابلىنىدىكەن.

ھازىرچە ساقچى دائىرىلىرى مەزكۇر زەھەر يۆتكەش دېلوسىغا چېتىشلىق تۆت ئادەمنى قولغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن باشقا بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى. بىز مەزكۇر دېلونىڭ ئېنىقلىنىش ئەھۋاللىرى ھەققىدىمۇ ساقچى دائىرىلىرىگە تېلېفون قىلغان بولساقمۇ يەنىلا ئۇلارنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىدۇق.

گەرچە مەزكۇر ئىككى دېلو ئۇيغۇر ئېلىدا پاش بولغان زەھەرلىك چېكىملىككە دائىر دېلولار ئىچىدە زەھەرلىك چېكىملىك مىقدارى ئالاھىدە زور، چېتىشلىق ئادەم سانى كۆپ بولغان جەمئىيەتتىمۇ كۈچلۈك ئىنكاسلارنى قوزغاۋاتقان ۋەقەلەر بولسىمۇ، ساقچى تەرەپ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى قامال قىلماقتا.

بۇندىن ئىككى كۈن ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى بەلگىلىمە چىقىرىپ "بۇندىن كېيىن ھەرقانداق چوڭ دېلولارنى پەقەت ئالىي سوت مەھكىمىسى ئۆزىلا ئېلان قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. ھەرقانداق مەتبۇئات ئورۇنلىرىنىڭ چوڭ دېلولار ھەققىدە پىكىر بايان قىلىش ياكى خەۋەر ئېلان قىلىش ھوقۇقى يوق" دەپ جاكارلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان مەتبۇئات ساھەسىنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىش ئۈچۈن، ئارقا ‏- ئارقىدىن يېڭى بەلگىلىمىلەرنى ئېلان قىلدى. مەسىلەن، دەسلەپتە چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ خىتايدا ئۇچۇر تارقىتىشىغا تۈرلۈك چەكلىمىلەرنى قويۇپ، بارلىق خەۋەرلەر چوقۇم شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى كېرەك دەپ جاكارلىغان ئىدى. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.