خىتاي ھۆكۈمىتى زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش قانۇنى چىقىرىش قارارىنى بېكىتكەندىن كېيىن، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى بۇ ھەقتە مەخسۇس مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشكە باشلىدى. مۇزاكىرە جەريانىدا، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ شېنفېڭ خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىغا "ھازىر بىز زەھەرلىك چېكىملىكنى كونترول قىلىش جىددى بىر ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلمەكتىمىز. شۇڭا بىز ئۈچۈن بۇ قانۇننى چىقىرىش ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە"، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ يەنە زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ خىتايغا ئاساسەن ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك رايونىدىن كىرىدىغانلىقىنى ھەمدە بۇنىڭ زەھەرلىك چېكىملىكنى چەكلەش خىزمىتىگە زور تەھدىت بولىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتايدا زەھەرلىك چېكىملىك مەسىلىسى ئېغىر
خىتاي ھۆكۈمەت دائىرلىرى تەرىپىدىن بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر خىتايدا، زەھەرلىك چېكىملىككە بېرىلىۋاتقانلار سانى 700 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن ھەمدە زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى بېرما، لائۇسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك ۋە ئافغانىستان، پاكىستان چېگرىسىدىكى "ئالتۇن ھىلالئاي" رايونىدىن كېلىدىكەن.
خىتاي شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن بېرىلگەن خەۋەردە "زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدىكى يېڭى قانۇندا ساقچىلارغا پويىز ئىستانسىسى، ئاپتوبۇس بېكىتى ۋە چېگرا ئېغىزلىرىدا كىشىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ يۈك - تاقلىرىنى ئاختۇرۇش ھوقۇقى بېرىلگەن، " دەپ كۆرسىتىلگەن. مەزكۇر خەۋەردە يەنە 2005 - يىلى خىتاي بويىچە 60 مىڭ ئادەمنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى شۇنداقلا 17 يېرىم توننا زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2006 - يىللىق زەھەرلىك چېكىملىكنى چەكلەش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر يىل ئاخىرىغا قەدەر، خىتايدىكى تىزىملىكتىكى زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر سانى 1 مىليون 160 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، ھەر يىلى 20% تىن كۆپەيگەن.
مەزكۇر دوكلاتىدا يەنە، 1980 - يىلىدىن بۇيان، خىتايدىكى زەھەرلىك چېكىملىك تۈپەيلىدىن ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 490 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى ھەمدە 2010 يىلىغا بارغاندا، مەزكۇر ساننىڭ ئىزچىل ھالدا ئۆرلەيدىغانلىقى تەكىتلىنىپ، " ئەگەر جىددى چارا تەدبىرلەر قوللىنىلمايدىكەن، ۋەزىيەت تېخىمۇ ناچارلىشىدۇ " دەپ كۆرسىتىلگەن.
خىتايدىكى زەھەرلىك چېكىملىك مەسىلىسىنى پەقەت قانۇن بېكىتىش بىلەنلا بىر تەرەپ قىلغىلى بولمايدۇ
كۆپلىگەن ئانالىزچىلار " خىتايدىكى زەھەرلىك چېكىملىك مەسىلىسىنى پەقەت قانۇن بېكىتىش بىلەنلا بىر تەرەپ قىلغىلى بولمايدۇ. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ ئالدىنى ئالىمىز دەيدىكەن، ئالدى بىلەن ئۆز ھۆكۈمرانلىق تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىپ، نازارەت قىلىش كۈچىنى يېتەرلىك كۈچەيتىشى كېرەك، ئەگەر بۇنداق قىلمايدىكەن، مىڭ قانۇن بېكىتكەن بىلەنمۇ بەرىبىر مەسىلە يەنىلا يىلتىزىدىن ھەل قىلىنمايدۇ" دەپ بىلدۈرمەكتە. بۇ ھەقتە ئەينى چاغدا زەھەرلىك چېكىملىك مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس تەنقىدى ماقالە يېزىپ، ئۆز ئوي پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىسى سىدىق ھاجى ئەپەندى مەزكۇر ماقالىسىنىڭ ئاساسى مەزمۇنىنى سۆزلەپ كېلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى زەھەرلىك چېكىملىك مەسىلىسىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە قارىغاندا تېخىمۇ مۇرەككەپ ۋە ئېغىر ئىكەنلىگىنى تەكىتلىدى.
سىدىق ھاجى ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە "خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى زەھەرلىك چېكىملىك مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا، ئۈنۈملۈك چارە -تەدبىرلەرنى قوللىنىش بىر ياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە دىننى چەكلەش قاتارلىق نۇرغۇن توسالغۇلارنى يارىتىپ، كىشىلەرنى ئەخلاقتىن نېرى قىلىپ زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ مەزكۇر رايوندا كۈنسېرى يامراپ كېتىشىگە يول ئېچىپ بېرىۋاتىدۇ " دەپ بىلدۈردى. (مېھرىبان)