خىتايدىكى زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنىڭ سانى 790 مىڭغا يەتتى
2005.06.27
خىتاي ھۆكۈمىتى، خەلقئارا زەھەرلىك چېكىملىكنى چەكلەش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايدىكى بىر قانچە چوڭ شەھەرلەردە زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى كۆيدۈرۈش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ھۆكۈمەتنىڭ زەھەرلىك چېكىملىكنى چەكلەشتىكى ئىرادىسىنى نامايان قىلىشقا تىرىشتى.
خىتاي زەھەرلىك چېكىملىكنى چەكلەش كومىتېتىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، خىتايدا ھازىر زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنىڭ سانى 790 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئارىسىدا 70٪ئى 35 ياشتىن تۆۋەن ياشلار ئىكەن. شۇنداقلا ئوخشاش يىڭنىنى ئىشلىتىپ ئەيدىز ۋىروسىنى يۇقتۇرۇۋالغان زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر بولسا، بۇنىڭ 41.3٪ نى ئىگىلەيدىكەن. ئەمما فرانسىيە ئاخبارات ئاگېتنلىقىنىڭ خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە بەزى ئانالىزچىلار خىتايدىكى زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر سانىنىڭ ھۆكۈمەت ئېلان قىلغاندىن كۆپ جىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خىتاينىڭ بىر تۇتاش تەشۋىقاتى ئاستىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك زەھەرلىك چېكىملىكنى چەكلەش كومىتېتىمۇ ئۈرۈمچىنىڭ قىزىلتاغ باغچىسى ئىچىدە زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى كۆيدۈرۈش پائالىيىتىنى ئېلىپ بارغان.
ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى زەھەرلىك چېكىملىك ئەھۋالى ناھايىتى ئېغىر بولۇپ، ئوخشاش يىڭنىنى ئىشلىتىش سەۋەبىدىن نۆۋەتتە ئەيدىز ۋىروسىنىڭ تارقىلىشىمۇ بىر قەدەر تېز بولماقتا. بۇ ھەقتە توختالغان كانادا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى مەمەت توختى ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىدا زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۈنۈملۈك چارە قوللىنىلمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئانالىزچىلار: قاتتىق زەربە بېرىش ئۇسۇلى مۇۋاپىق يول ئەمەس
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1950 - يىللاردا زەھەرلىك چېكىملىكنى قانداق قىلىپ غەلىبىلىك چەكلىگەنلىكى ھەققىدە توختالغان خىتاي جەمئىيەتشۇناس ماۋ يۈشى ئەپەندى، ئۇ چاغلاردا خىتاينىڭ كىشىلەرنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغۇش ۋە قاتتىق زەربە بېرىش ئۇسۇلى بىلەن زەھەرلىك چېكىملىكنى كونترول قىلىپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما بۇنىڭ ھەگىزمۇ تەرغىپ قىلىشقا بولىدىغان ئۇسۇل ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
"ئۇ چاغدا ئادەملەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئانچە يوقتى. ئەمما ھازىر كىشىلەرنىڭ ھوقۇقى بارغانسېرى كېڭىيىپ مېڭىۋاتىدۇ. بۇرۇنلاردا زەھەرلىك چېكىملىككە ئوخشاش يامان ئىشلار جىق كۆرۈلمەيتتى، ئەمما ھەققانىي، توغرا ئىشلارمۇ يوقتى. ئىشقىلىپ، ھۆكۈمەت بەك چىڭ تۇتۇۋەتكەنلىكتىن كىشىلەرنىڭ ھېچقانداق ھوقۇقى بولمىغان. ئەمدىلىكتە بولسا، ئەركىنلىك خېلى قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، نۇرغۇن ياخشى ئىشلارمۇ بولدى ھەمدە ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ يامان ئىشلارمۇ ئوخشاشلا كۆرۈلۈۋاتىدۇ. شۇڭا مېنىڭچە قاتتىق زەربە بېرىش بىر ياخشى چارە ئەمەس. قاتتىق زەربە بېرىش دېگەنلىك، جىنايەت سادىر قىلغان كىشى ئۆزى مەسئۇلىيەتنىڭ ھەممىسىنى ئۈستىگە ئالسۇن، بۇنىڭدا جەمئىيەتنىڭ خاتالىقى يوق دېگەنلىك. مانا بۇ قاراش پۈتۈنلەي خاتا".
خىتاي 20 گە يېقىن زەھەرلىك چېكىملىك جىنايەتچىسىنى ئاتتى
خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى كونا ئادىتى بويىچە "خەلقئارا زەھەرلىك چېكىملىكنى چەكلەش كۈنى" ھارپىسىدا خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن بولۇپ، ئاز دېگەندە 20 گە يېقىن زەھەرلىك چېكىملىك جىنايەتچىسىنى ئېتىپ تاشلىغان.
خەلقئارادىكى ئۆلۈم جازاسىغا قارشى بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ بۇ ئىپادىسىگە تولىمۇ نارازى بولۇپ، بۇ ھەقتە خىتاينى كۆپ قېتىم ئەيىبلىگەن ئىدى. ئىتالىيىدىكى ئۆلۈم جازاسىغا قارشى بىر تەشكىلاتنىڭ يېقىندا چىقارغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2004 - يىلى پۈتۈن دۇنيادا 5476 كىشى ئۆلۈم جازاسى بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئارىسىدا 5 مىڭدىن كۆپىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر خىل جىنايەتلەر بىلەن قارىلاپ ئېتىپ تاشلىغان. نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ ئادەم ئاتىدىغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قاتتىق قوللۇق سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمى ئۈستىدە تۈرلۈك بەس-مۇنازىلەر بولماقتا.
رەن بوگوڭ: زەھەرلىك چېكىملىك ۋەزىيىتى قىسقا مەزگىل ئىچىدە ياخشىلانمايدۇ
زەھەرلىك چېكىملىكنى چەكلەش مەسىلىسىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكىنىڭ ئوخايو شىتاتىدىكى تولېدو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى رەن بوگوڭ، قىسقا مەزگىل ئىچىدە خىتاينىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ۋەزىيىتىدە ياخشىلىنىش كۆرۈلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
"ھەر قانداق بىر مەسىلە خىتايدا يۈز بەرگەندە، ئۇ ناھايىتى مۇرەككەپ بولۇپ كېتىدۇ. چۈنكى خىتاينىڭ نوپۇسى بەك كۆپ ۋە يېرى كەڭ بولغاچقا مەسىلىلەرمۇ ناھايىتى مۇرەككەپ بولىدۇ. مېنىڭچە كەلگۈسى قىسقا مەزگىل ئىچىدە زەھەرلىك چېكىملىكنى چەكلەش ۋەزىيىتىدە ھېچقانداق ئىلگىرلەش بولمايدۇ. ھەتتا تېخى بۇ ئەھۋال ئېغىرلاپ، زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپىيىشى مۇمكىن".
نۆۋەتتە، خىتايدا زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە نۇرغۇن كەمچىلىك ۋە يېتەرسىزلىكلەر مەۋجۇت بولۇپ، خىتاي ئۆزى چىقارغان مەلۇماتقا قارىغاندا، ھازىر زەھەرلىك چېكىملىكنى تاشلاتقۇزۇش ئورۇنلىرىدىكى كارىۋاتلار پەقەت بۇنىڭغا ئېھتىياج كىشىلەرنىڭ ئاران 1/6 ئىگە يېتىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنىڭ 1/5 ئى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بولۇپ، زەھەرلىك چېكىملىكنى تاشلاتقۇزۇش ئورۇنلىرىنىڭ بۇلارنى ئايرىم تۇتۇش جەھەتتىكى ئەسلىھەلىرى تولىمۇ ناچار ئىكەن. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتايدىكى ئەيدىز گۇرۇپپىلىرى شەخسى مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئەيدىز پائالىيەتچىلىرىنىڭ ھەرىكىتىگە توسقۇنلۇق قىلماقتا
- ئامېرىكا، خىتايغا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن 30 مىليون دوللار ياردەم قىلماقچى
- ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى - ئۇيغۇر ئېلى ئەيدىز ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقى خىتاي بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا
- ئۇيغۇر ئېلىدە زەھەرلىك چېكىملىك مەسىلىسى يەنىمۇ ئېغىرلىماقتا