ئۇيغۇر ئېلىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ۋەزىيىتى جىددىي تەدبىر قوللىنىشقا مۇھتاج


2005.07.19

19- ئىيۇل، تەڭرىتاغ تور بېتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش تېما قىلىنغان تەشۋىقات ھۆججەتلىك فىلىمى " ئاق -قارا خاتىرىلەر"، ئۇيغۇر ئېلىدە -18 ئىيۇلدىن باشلاپ قويۇلۇشقا باشلىغان بولۇپ، فىلىمدا ھەر خىل يوللار بىلەن زەھەرلىك چېكىملىككە ئۆگىنىپ قالغان بىر قانچە ياش ئۆسمۈرنىڭ كەچۈرمىشلىرى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ زەھەرلىك چېكىملىككە بېرىلگەندىن كېيىنكى ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتلىرى ئارقىلىق، زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ ئىنساننىڭ ھاياتى ۋە تۇرمۇشىغا، ئائىلە ھەمدە جەمئىيەتكە قانداق ئېغىر ئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى يورۇتۇلغان.

ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ مۇقەددىمە قىسمىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتايدا زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر 1مىليون 140مىڭغا يەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 35ياشتىن تۆۋەنلەر 70٪نى ئىگىلەيدىكەن. شۇڭىمۇ مەزكۇر فىلىمدە ياش - ئۆسمۈرلەرگە زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ زىيانلىقلىقىنى تونۇتۇش ئاساسىي تېما قىلىنغان.

ئۇيغۇرلاردا 10 يىلدىن بۇيان زەھەرلىك چېكىملىك مەسىلىسى ئېغىرلاپ بارماقتا

ئۇيغۇر ئېلىمۇ 10 يىلدىن بۇيان خىتاي بويىچە زەھەرلىك چېكىملىك مەسىلىسى ئەڭ ئېغىر ھېسابلىنىدىغان جايلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە، شۇنداقلا ئۇ يېقىنقى يىللاردا ئەيدىز مەسىلىسى بىلەن زىچ باغلانغان ئىنتايىن جىددىي بىر مەسىلىگە ئايلاندى.

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقىنى، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىككە بېرىلىش ئەھۋالىنىڭ بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىدۇر. ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنىڭ 90٪تىن كۆپرەكى ئۇيغۇرلار ئىكەن.

زەھەرلىك چېكىملىكنى ئورتاق شپىرىس ئارقىلىق ئۇرۇش يولى بىلەن، ئۇيغۇر ياشلىرىدا ئۆز ئارا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىمۇ بارغانچە ئېغىرلاۋاتقان بولۇپ، تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە بايقالغان ئەيدىزلەرنىڭ 93٪تىن كۆپرەكى مۇشۇ يول بىلەن ئەيدىزنى يۇقتۇرۇۋالغان.

ئۇيغۇر ئېلىدە زەھەرلىك چېكىملىك ۋەزىيىتىنىڭ كونترولغا ئېلىنماسلىقى يەنىلا مۈجىمەل بىر مەسىلە

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە زەھەرلىك چېكىملىكنى چەكلەش ئۈچۈن تەشۋىقات تەربىيىلىرىنى ئېلىپ بېرىش، ھەر يىلقى زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش كۈنلىرىدە زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەستچىلىرىگە قاتتىق جازا قوللىنىش، يىلدا زەھەرلىك چېكىملىك مەسىلىسىگە ئائىت سانلىق دوكلاتلارنى ئېلان قىلىش ھەمدە زەھەرلىك چېكىملىك تاشلاتقۇزۇش ئورنى قۇرۇشقا ئوخشاش ۋاستىلەر بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ۋەزىيىتىنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولسىمۇ، بۇنىڭ ھېچقانچە ئۈنۈم بەرمەيۋاتقانلىقىنى، مەتبۇئاتلاردىكى سانلىق دوكلاتلار، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ئېلىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك شۇنداقلا ئەيدىز ۋەزىيىتىدىن كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس.

بىزنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك تاشلاتقۇزۇش ئورنىغا قاراتقان زىيارەتلىرىمىزدىنمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە زەھەرلىك چېكىملىك ۋەزىيىتىنىڭ ئېغىر بولۇشى بىلەن تەڭ، ساقچى ياكى ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىكنى كونترول قىلىشتا كۈچىنىڭ يېتىشمەيۋاتقانلىقى، شۇنداقلا بۇنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ ئىنتايىن مۈجىمەل ئىكەنلىكى مەلۇم، ھەتتا زەھەرلىك چېكىملىك چەكلەشكە مەسئۇل ساقچىلارمۇ بۇنىڭغا ئېنىق جاۋاب بېرەلمەيدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جىددى تەدبىر قوللانماسلىقى تەنقىتكە ئۇچرىماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە زەھەرلىك چېكىملىكنى كونترول قىلىشتا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللانماي، ئەيدىزگە ئوخشاش ئېغىر جەمئىيەت مەسىلىلىرىنىڭ بارغانچە كېڭىيىشىگە سەۋەب بولغانلىقى خەلقارادىكى زەھەرلىك چېكىملىك ھەمدە ئەيدىزگە قارشى تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان جەمئىيەت ھەمدە مۇتەخەخسىسلەرنىڭمۇ ئەندىشىسىنى قوزغىغان بولۇپ، بۇ ھەقتە ئامېرىكا جون خوپكىنىس ئونىۋېرستېتىنىڭ ئەيدىز مۇتەخەسسىسى بېيىر كىرىس ئەپەندى، ئۇيغۇر ئېلىدە زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنىڭ ئالاھىدە كۆپلىكى شۇنداقلا ئاساسىي ساننى ئۇيغۇرلارنىڭ تەشكىل قىلىدىغانلىقىدەك مەسىلىنىڭ دىققىتىنى تارتقانلىقى، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە زەھەرلىك چېكىملىك ۋەزىيىتى ئېغىرلاشقان 10 يىلدىن بۇيان، نېمە ئۈچۈن ئۈنۈملۈك بىر تەدبىر قوللانمىغانلىقىنى چۈشىنەلمىگەنلىكىنى ئىپادىلەپ، "خىتاي ھۆكۈمىتى ئەيدىزگە ئوخشاش ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ مەنبەسى بولغان زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ مەنبەسىنى توسۇشتا جىددىي تەدبىر قوللىنىشى، جەمئىيەتتە زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ چېكىملىك تاشلىشىغا كۆپرەك ياردەم بېرىشى، زەھەرلىك چېكىملىك ئارقىلىق ئەيدىزگە ئوخشاش كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بىر قېتىملىق شپىرىس تارقىتىشقا ئوخشاش، ئەمەلىي ئىشلار قېلىشى كېرەك، بۇ مەسىلىگە پەقەت سانلىق مەلۇمات چىقىرىپ قويۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ" دەپ بىلدۈردى.

بىغۇبار ياش- ئۆسمۈرلەر زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ قۇربانىغا ئايلانماقتا

ئۇيغۇر ئېلىدە كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان يەنە بىر مەسىلە، زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنىڭ، زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ زىيانلىقىنى بىلمەي تۇرۇپ زەھەرلىك چېكىملىككە ئۆگىنىپ قېلىشى شۇنداقلا، ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ باشقا كىشىلەرنىڭ ئالدىشى ياكى مەجبۇرلىشىغا ئوخشاش ۋاسىتىلەر بىلەن زەھەرلىك چېكىملىككە ئۆگىنىپ قېلىشى بولۇپ، بۇ مەسىلە ھەتتا زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش تەشۋىقاتىنىڭمۇ ئۇنچە ئۈنۈم بەرمىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

بۇ ھەقتە 16 يېشىدا زەھەرلىك چېكىملىككە ئۆگۈنۈپ قالغان ھازىرغىچە بىر قانچە قېتىم مەجبۇرى تاشلاتقۇزۇش ئورنىغا كىرىپمۇ يەنىلا زەھەرلىك چكىملىكتىن قۇتۇلالمىغان بىر ئۇيغۇر ياش ئۆكۈنۈش ئىچىدە باشقا ياش ئۆسمۈرلەرنى ھەرگىز ئۆزى ماڭغان يولغا مېڭىپ قالماسلىققا چاقىرغان ئىدى. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.