0:00 / 0:00
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ۋەزىيىتىنىڭ جىددىي تەدبىر ئېلىشقا تېگىشلىك ئىكەنلىكى ھەممىگە مەلۇم، نۆۋەتتە خىتاي ساقچى دائىرىلىرى، ئۈرۈمچىدە زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشتا، ئاممىنىڭمۇ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاش ئۈچۈن، زەھەرلىك چېكىملىككە دائىر دىلو ياكى گۇماندارلارنى ساقچى ئورۇنلىرىغا پاش قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش تۈزۈمىنى قوللىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.