ئۇيغۇر ئېلىدە زەھەرلىك چېكىملىك تاشلاتقۇزۇش ئورۇنلىرىنىڭ داۋالاش ھەققى زىيادە يۇقىرى بولماقتا
2006.02.21

ئۇيغۇر ئېلىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئىشلەپچىقىرىلمايدۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن زەھەرلىك چېكىملىكلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە باشقا تەرەپلەرگە توشۇلۇش ئېغىزى بولغاندىن باشقا، يەنە خەلقئارا زەھەرلىك چېكىملىك ئىشلەپچىقىرىش ھەم ئەتكەسچىلىك بازىسىنىڭ بىرى بولغان ئافغانىستان، پاكىستان، تاجىكىستاندىن ئىبارەت ئالتۇن ھىلال ئاي دەپ ئاتالغان جايلار بىلەن يېقىن چېگرىلىنىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇر ئېلى چېگرا ئىچى ھەم سىرتىدىكى زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىنىڭ ھەرىكەت قىلىدىغان رايونى بولۇپ قالغان.
زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى كۈچەيمەكتە
تەيۋەن مەركىزى ئاخباراتىنىڭ سەيشەنبە كۈنى خەۋەر ئېلان قىلىشىچە، ئۈرۈمچى تاموژنا ئىدارىسى 2005 - يىلى 9 - ئايدىن 10-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئۇيغۇر ئېلى چېگرىسى ئارقىلىق يۆتكەلمەكچى بولغان زەھەرلىك چېكىملىك پىششىقلاپ ئىشلەشكە ئىشلىتىلىدىغان خىمىيىۋى خامئەشيادىن 4 مىڭ 300 گىرامنى قولغا چۈشۈرگەن.
نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرى زەھەرلىك چېكىملىكنى بىۋاستە يۆتكەشتىن، خېروئىن ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىلىدىغان خىمىيىلىك ماددىلارنى يۆتكەشكە كىرىشكەن بولۇپ، ئۇلار بۇ خىل بويۇملارنى يۆتكىگەندە خىمىيىلىك ماددىلار قاچىلانغان يەشىك ياكى خالتىلارغا باشقا بويۇملارنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ يېزىپ ئۆتكەن. بۇنىڭ بىلەن تاموژنا ئورۇنلىرى ئۇيغۇر ئېلى چېگرىسىدىكى خىمىيىلىك بۇيۇملارنىڭ ئىمپورت- ئېكىسپورتىغا ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قاراشقا باشلىغان. سۈپەتسىز
خېروئىن خەۋپنى ئېغىرلاشتۇرماقتا
بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ يامرىشى يەنىمۇ ئېغىرلاشماقتا. زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرمۇ يېقىنقى ئون يىلدا تېز سۈرئەتتە كۆپەيدى. ئۇيغۇر ئېلىدە زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر ئاساسەن، زەھەر كۈچى ئەڭ يۇقىرى، خۇمار قىلىشى تېز ھەم ھەممىدىن خەتەرلىك بولغان خېروئىننى ئىستىمال قىلىدۇ. دەسلەپتە چېكىشتىن كېيىن ئۇنى سۇيۇقلۇق قىلىپ يىڭنە ئارقىلىق تومۇرغا ئۇرۇشقا ئۆتىدۇ.
ئۇيغۇر ئېلى زەھەرلىك چېكىملىك چەكلەش خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر ئىشلىتىۋاتقان خېروئىن كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق قولدىن- قولغا ئۆتۈش جەريانىدا نەچچە قېتىم باشقا خىمىيىلىك تەركىبلەر قېتىلىپ ياسالغان زەھەر كۈچى ئىنتايىن ئۆتكۈر بولغان ھەتتا ھاياتقا خەتەر ئېلىپ كېلىدىغان شەكلى ئۆزگەرگەن بىر خىل خروئىن بولۇپ، يېقىنقى يىللاردا زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر ئىچىدە شۇ خىلدىكى زەھەرلىك چېكىملىكنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش ھامان يۈرىكى توختاپ قېلىپ، جېنىدىن ئايرىلىدىغان ۋەقەلەر دائىم يۈز بېرىپ تۇرماقتا ئىكەن. ھەتتا بەزىلەر زەھەرلىك چېكىملىك دەپ سېتىۋاتقانلىرى پەقەتلا باش ئاغرىقنى توختىتىش دورىسىنىڭ ئۇۋىقى ياكى باشقا خىمىيىلىك بويۇملار بولغاچقا، زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ ھاياتى ھەر مىنۇت خەۋپ ئىچىدە ئىكەن.
زەھەرلىك چېكىملىك ئائىلىلەرنى خانىۋەيران قىلماقتا
زەھەرلىك چېكىملىك ناھايىتى كۆپ ئىقتىساد تەلەپ قىلىدىغان بولغاچقا، زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر ئۆزىنىڭ جىسمانىي روھى ھەم ئىقتىسادىنى يوقاتقاندىن باشقا ئائىلىسىنىمۇ ئېغىر بەختسىزلىككە دۇچار قىلىدۇ. شۇنداقلا كۆپ ساندىكى زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر كۈندىلىك خۇمارىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ھەر خىل جىنايى قىلمىشلاردىنمۇ باش تارتمايدۇ. زەھەرلىك چېكىملىك يامرىغان جەمئىيەتنىڭ قانداق يامان ۋەزىيەتلەرگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى قىياس قىلماق تەس.
زەھەرلىك چېكىملىككە بېرىلگەنلەر تېخىمۇ كۆپەيمەكتە
نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئىچىدە ئۇيغۇر ياشلىرى بىر قەدەر يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھەتتا يۇقىرى مەلۇماتلىق دۆلەت خادىملىرى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، قىزلار ھەتتا ياش ئۆسمۈر بالىلارمۇ بار.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەلۇم زەھەرلىك چېكىملىك تاشلاش ئورنىدىكى بىر ساقچى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنىڭ بارغانچە كۆپىيىۋاتقانلىقى ھەمدە يېشىنىڭمۇ بارغانچە كىچىكلەۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە ئېغىر جىسمانىي ھەم روھىي ئازاب، ئىقتىسادىي يۈكلەر دەستىدىن ئۆزلىكىدىن زەھەرلىك چېكىملىك تاشلاش نىيىتىگە كەلگەنلەر بولسۇن ياكى ئائىلىدىكىلىرىنىڭ مەجبۇرلىشىدىن زەھەرلىك چېكىملىك تاشلاتقۇزۇش ئورنىغا ئاپىرىپ بېرىلگەنلەر بولسۇن، ئۇلارنىڭ زەھەرلىك چېكىملىكتىن قول ئۈزۈشى ئوخشاشلا ئىنتايىن يۇقىرى ئىقتىسادىي چىقىم تەلەپ قىلىدۇ. چۈنكى ئۇيغۇر ئېلىدە تەسىس قىلىنغان ئاق ساراي ئاتالغان زەھەرلىك چېكىملىك تاشلاتقۇزۇش ئورۇنلىرىنىڭ بىر ھەپتىلىكى بىر مىڭ يۈئەندىن ھەتتا بىر قانچە مىڭ يۈئەنگىچە، زەھەرلىك چېكىملىك تاشلىغۇچىلارنىڭ پۇلى بولمىغان تەقدىردە بۇ خىل ئورۇنلاردا داۋالىنالمايدۇ. مانا بۇ زىددىيەتلىك مەسىلە زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى تېخىمۇ ئېغىر ۋەزىيەتكە دۇچار قىلماقتا. ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەلۇم ناھىيە بازىرىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئايال ئېرىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىككە كىرىشىپ قالغانلىقىغا يەتتە يىل بولغانلىقى، تاشلاتقۇزۇش ئورۇنلىرى ناھايىتى يۇقىرى پۇل تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن ئېرىنى داۋالىتىشقا ئامالسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش ئورۇنلىرى، زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرگە قانداق تەدبىر قوللىنىدۇ؟ زەھەرلىك چېكىملىك تاشلاش ئورۇنلىرى، بىمارلاردىن يۇقىرى باھادا ھەق ئالغاندىن كېيىن، ئۇلارنى قانداق داۋالايدۇ؟ بۇ ھەقتە پروگراممىمىزنىڭ كېيىنكى قىسمىدا داۋاملىق مەلۇمات بېرىمىز. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى زەھەرلىك چېكىملىك مەسىلىلىرى توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى
- ئۇيغۇرلار نېمە سەۋەبتىن زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىگە كىرىشىپ قالدى؟
- يۈننەندىكى خېروئىن ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىر-قىسمەتلىرى
- تۈركىيىدە ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قارشى كۈرەش باشلاندى
- زەھەرلىك چېكىملىكلەر ئۇيغۇر يېزىلىرىغىچە يامرىماقتا
- خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە
- خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز يېتىملىرىنىڭ سانى ھەسسىلەپ كۆپەيمەكتە
- زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇشتا پاش قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش يولغا قويۇلماقچى