ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى خىتاينى ئەيىبلىدى


2007.08.15

14- ئاۋغۇست سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ ئويۇنچۇق شىركىتى ماتتېل ئۆزى بازارغا سالغان ئويۇنچۇقلاردا بىخەتەرلىك مەسىلىسى سادىر بولغانلىقى سەۋەبلىك، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا 18 مىليون دانىدىن ئارتۇق بالىلار ئويۇنچۇقىنى يىغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى چىقاردى.

مەزكۇر شىركەت، مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا خىتايدا ئىشلىتىپ ئۆزى بازارغا سالغان 1.5 مىليون دانە بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنى ئوخشاش سەۋەبلەر تۈپەيلى يىغىۋالغان بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە مەزكۇر ئويۇنچۇقلاردا بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە زەخمەت ئېلىپ كېلىدىغان زەھەرلىك ماددا، قوغۇشۇن بايقالغان.

ئاز مىقداردىكى ماگنىتمۇ ئىنتايىن خەتەرلىك

ئامېرىكا ئىستېمالچىلار بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ رەئىسى نەنسىي نورد بۇ نۆۋەت يىغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى چىقىرىشتا، بەزى ئويۇنچۇقلاردا قوغۇشۇن ئارىلاشقان سىر، بەزىلىرىدە ئاجراپ چىقىپ كېتىدىغان ماگنىت ئۇۋاقلىرى بايقالغانلىقىدىن ئىبارەت ئىككى خىل سەۋەب بارلىقىنى ۋە ئاز مىقداردىكى ماگنىتنىڭمۇ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە: " كومىتېتىمىز ماگنىت ئۇۋاقلىرىنىڭ خەتىرى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ كېلىۋاتقىنىغا بىر يىلدىن ئاشتى. ئەگەر بىر- ئىككى تال ماگنىت يۇتۇۋېلىنسا، ئۈچەي يولىدا ياللۇغ پەيدا قىلىدۇ، ئۈچەينى تېشىۋېتىدۇ ياكى ھەزىم يوللىرىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ" دېدى.

دىك دۇربىن ":ئەمدى ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىدىغان پەيت كەلدى"

مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى، دېموكرات دىك دۇربىن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى تاۋارلارنىڭ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدە ئەيىبلەپ، ئويۇنچۇق زاۋۇتلىرى باشقىلارنىڭ تەكشۈرۈشنى چوقۇم ئاكتىپ ھالدا قوبۇل قىلىشى كېرەك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

دىك دۇربىن باياناتىدا، ھەر ھەپتىدە دېگۈدەك بىر قېتىم خىتاي ئىشلىگەن ئويۇنچۇقلارنى يىغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ: " بىز خىتاينىڭ بوشاڭ بىخەتەرلىك ئۆلچەملىرىگە قارىتا زەربە بېرىشىنى ئەمدى كۈتۈپ تۇرالمايمىز. بۇنداق ھالەت، يەنە كۆپلىگەن بالىلار ۋە ئائىلىلەر خەتەرگە يولۇقۇشىدىن ئىلگىرى چوقۇم توختىشى كېرەك." دېدى.

ئۇ يەنە، " بۇ بىر جىددىي مەسىلە. مەن خىتايدىن كېلىدىغان بارلىق سىرلانغان بالىلار مەھسۇلاتلىرى چوقۇم ۋاقىتلىق تۇتۇپ قېلىنىپ تەكشۈرۈلۈشى كېرەك دەپ ئويلايمەن" دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.

كېڭەش پالاتا ئەزاسى دىك دۇربىن تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ قېتىملىق يىغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشىنىڭ ئىمپورت قىلىشتا مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇۋاتقان مەسىلىلەرنى روشەنلەشتۈرگەنلىكىنى، بىخەتەرلىك ئۆلچىمى تۆۋەن دۆلەتلەردىن مال ئىمپورت قىلغاندا بالىلار ۋە ئائىلىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ھوشيارلىقنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈشنىڭ ئىنتايىن زۆرۈر ئىكەنلىكنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە: "بىز ئىمپورت قىلىنىدىغان ماللارغا نىسبەتەن ئىجابىي بىخەتەرلىك ئۆلچەملىرىگە موھتاج. ئىستېمالچىلار بىخەتەرلىكنى قوغداش كومىتېتى ئۆز خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشى كېرەك. ئەمدى سۆزلىشىدىغان پەيت كەتتى. ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىدىغان پەيت كەلدى" دېدى.

دوب ئېكېرت ": كەسكىن ھەرىكەت قوللىنىمىز"

ماتتېل شىركىتىنىڭ باشلىقى دوب ئېكېرت، بۇ ھادىسىدىن چوڭقۇر ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى، ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى ۋە مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاتا- ئانىلاردىن ئەپۇ سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە: "بىز بىلەن توختاملاشقۇچىلار، قائىدىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى سەۋەبلىك سىستېمىمىزدا نۇقسان كۆرۈلدى. بىز بۇنىڭغا قارىتا كەسكىن ھەرىكەت قوللىنىمىز" دېدى.

ب ب س مۇخبىرى كۇۋىنتىن سوئېرۋىل، ئالدىنقى قېتىم خىتايدا ئىشلەنگەن بالىلار ئويۇنچۇقلارنىڭ يىغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى چىقىرىلغاندا خىتاينىڭ خېلى تىز ھەرىكەتكە كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ:"خىتاي ھۆكۈمىتى كۆپىنچە ھاللاردا تېز ھەرىكەت قوللانمايدۇ ئەمما ئۇلار كىشىلەرنىڭ " خىتايدا ئىشلەندى" دېگەن ماركىغا نىسبەتەن ئىشەنچىنى تېزدىن يوقىتىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى" دەيدۇ.

ئۆتكەن ھەپتە خىتاي ھۆكۈمىتى، ماتتېل شىركىتى يىغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى چىقارغان ئويۇنچۇقلارنى ياسىغان لىدا شىركىتىنىڭ ئامېرىكىغا مال ئېكسپورت قىلىشىنى ۋاقىتلىق توختاتقاندىن كېيىن، مەزكۇر شىركەتنىڭ باشلىقى ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرى ئۆزىنى ئولتۇرۇۋالغان ئىدى. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.