زەھەرلىك "جۇۋاۋا دېلوسى" ۋە خىتاي - ياپونىيە مۇناسىۋەتلىرى

0:00 / 0:00

يېقىندا خىتايدىن ياپونىيىگە ئېكسپورت قىلىنغان جۇۋاۋىلارنى يېگەن بىر قىسىم ياپونىيىلىكلەرنىڭ زەھەرلىنىش ۋەقەسى كېلىپ چىقتى. بۇ مەسىلە ياپونىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان بولۇپ، جۇۋاۋا مەسىلىسى ھەققىدە تۈرلۈك ئىنكاسلار داۋاملاشماقتا.

خىتاي جۇۋاۋىلاردا زەھەرلىك ماددا بارلىقىنى ئىنكار قىلغان

يېقىندا ياپونىيىدە بىر قىسىم ياپونلۇقنىڭ خىتاينىڭ توڭلىتىلغان جۇۋاۋىلىرىنى يەپ زەھەرلىنىش ۋەقەسى كېلىپ چىققاندىن كېيىن، ياپونىيە مەتبۇئاتلىرى زەھەرلەنگۈچىلەر ۋە ئۆزلىرىنى بىئارام ھېس قىلغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلىشقان. نەتىجىدە، بۇ ئىككى دۆلەت ئېكسپورت - ئىمپورت دائىرىلىرى ئارىسىدا ئىختىلاپ كېلىپ چىقىپ، ياپونىيە تەرەپ خىتايدىن كىرگۈزۈلگەن مەزكۇر جۇۋاۋىلاردا زەھەرلىك ماددا بارلىقىنى كۆرسىتىشكەن ھەمدە ياپونىيىگە خىتاي يېمەكلىرىنى ئىمپورت قىلماسلىق پىكىرلىرى كەڭ ئەۋجى ئېلىشقا باشلىغان ئىدى. بىراق، خىتاي تەرەپ بولسا، مەزكۇر جۇۋاۋىلاردا زەھەرلىك ماددىلارنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلىشقان.

2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى خىتاينىڭ سۈپەت تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى ياپونىيىگە يېتىپ كېلىپ، ياپونىيە ئەمگەك ۋە يېمەكلىككە مۇناسىۋەتلىك ئەربابلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ مەزكۇر مەسىلىدە سۆھبەتلەشكەن. ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، سۆھبەتتىن كېيىن ياپونىيە تەرەپمۇ جۇۋاۋىلارنى پىششىقلاپ ئىشلەپ، ياپونىيىگە ئېكسپورت قىلغان تەنياڭ شىركىتىگە بېرىپ، تەكشۈرۈشكە پۈتۈشكەن. نۆۋەتتە، بۇ مەسىلە خىتاي ۋە ياپونىيە جامائىتى ۋە مەتبۇئاتلىرىنىڭ بىردەك دىققىتىنى جەلپ قىلماقتا.

خىتايچە " بوشۇن" ئۇچۇر تورىنىڭ تەيۋەن مەركىزى ئاگېنتلىقىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ياپونىيىدە خىتاي جۇۋاۋىلىرىدىن زەھەرلەنگۈچىلەر ۋە ئۆزلىرىنى بىئارام ھېس قىلغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ 2100 گە يەتكەن بولۇپ، بۇ ياپونىيىدە خىتاي يېمەكلىرىگە بولغان بىر مەيدان سەلبىي ئىنكاسلارغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.

بۇ مەسىلە خىتاي ماللىرىنىڭ ئىناۋىتىنى يەنە بىر قېتىم تۆكىدۇ

ھازىر ئامېرىكىدا ئېكسپورت - ئىمپورت شىركىتىدە ئىشلەۋاتقان، ياپونىيىدە ئوقۇپ، دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن بىر ئەرباب ئۆزىنىڭ ئېكسپورت - ئىمپورت مەسىلىسى بىلەن شوغۇللانغانلىقى ئۈچۈن ياپونىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا يۈز بەرگەن مەزكۇر جۇۋاۋا مەسىلىسىگە يېقىندىن دىققەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ۋەقەنىڭ خىتاي ماللىرى جۈملىدىن يېمەكلىرىنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىدىن نارازى بولۇۋاتقان ھەم ئۇنىڭغا گۇمان بىلەن قاراۋاتقان ياپونلۇقلارغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، ياپونىيە بىلەن خىتاينىڭ سودا مۇناسىۋەتلىرى قويۇق بولۇپ، خىتاي ياپونىيىنىڭ ئەڭ مۇھىم سودا شېرىكى، خىتاي ياپونىيىگە يېنىك سانائەت ماللىرىدىن باشقا يەنە كۆكتات، مېۋە - چېۋە ھەم پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەك ئىچمەكلەرنى كۆپلەپ ئېكسپورت قىلىدۇ. يېمەكلىكنىڭ ساپ بولماسلىقى مەسىلىسى ياپونلار تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە بولۇپ، بۇ خەۋەرنىڭ تارقىلىشى بىلەن ياپونلاردا خىتاي يېمەكلىرىگە ئىشەنمەسلىك كەيپىياتى كۈچىيىپ، خىتاينىڭ يېمەك - ئىچمەكلىرى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئابرويىغا ھەمدە سودىسىغا پايدىسىز ۋەزىيەت شەكىللەندۈرىدۇ.

ياپونىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى نازۇك مەسىلە

مەلۇمكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياپونىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى جىددىيلىشىپ قالغان بولۇپ، ياپونىيە خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە ئائىت خەۋەرلەر ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ مۇھىم تېمىسىدۇر. خىتايدا ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشى تارىخىغا، بولۇپمۇ، نەنجىڭ قىرغىنچىلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەر تۈپەيلىدىن ياپونلارغا قارشى كەيپىيات ئەۋجى ئالغان ھەمدە نارازىلىق نامايىشلىرى بولغاندا، ياپونىيىدىمۇ ئوخشاشلا خىتايغا قارشى تۇرۇش كەيپىياتلىرى كۈچەيگەن ئىدى. ياپونىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ئەمەلىيەتتە نازۇك ئەھۋالدا بولۇپ، بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر جۇۋاۋا مەسىلىسىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە، بولۇپمۇ سودا مۇناسىۋەتلىرىگە قىسمەن سوغۇقچىلىق ئېلىپ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلسا، يەنە بەزىلەر بۇنىڭ ئۇنچىۋالا مۇھىم ئامىل بولالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بىراق ياپونىيىدە ئوقۇپ كەلگەن مەزكۇر دوكتورنىڭ قارىشىچە، بۇ مەسىلە، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىگە ئانچە كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتەلمىسىمۇ، لېكىن يەنىلا مەلۇم دەرىجىدە رول ئوينايدۇ. "ياپونلار مەتبۇئات ئۇچۇرلىرىغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدىغان خەلق" دەيدۇ مەزكۇر دوكتور. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن ياپونلارغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدۇ، بولۇپمۇ ئىقتىسادىي كىرىمى تۆۋەن، خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ دائىملىق خېرىدارلىرى ھېسابلىنىدىغان ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن قاتلامغا تېخىمۇ بەكرەك تەسىر كۆرسىتىدۇ. (ئۈمىدۋار)