خىتايدا يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىپ ئۆلگەنلەرنىڭ سانى كۆپەيمەكتە
2008.03.04
خىتايدا ئۆتكەن يىلى، يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىپ ئۆلگەن ئادەم سانى 2006 - يىلىدىكىدىن %30 ئاشقان بولۇپ، ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان مەلۇماتقا قارىغاندا 11 تۈرلۈك يېمەكلىكنىڭ كىشىلەرنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەنلىكى ئاشكارىلانغان. كانادادا ياشاۋاتقان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى بۇيىچە ئادۋوكات گو گودىڭنىڭ ئېيتىشىچە، زەھەرلىنىپ ئۆلگەن ئادەم سانىنىڭ بۇرۇنقىدىن كۆپىيىپ كېتىشى، خىتاينىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
خىتاي يىمەكلىرىنىڭ بىخەتەر بولماسلىقى سەۋەبىدىن مەيدانغا كەلگەن سەلبىي ئاقىۋەتلەر بۇرۇنقىدىن بىر ئاز پەسەيگەن بولسىمۇ، بىراق يېمەكلىكلەردىن زەھەرلىنىپ ئۆلگەن ئادەم سانى %32 كۆپەيگەن بولۇپ، ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە 258 ئادەم زەھەرلىنىپ ئۆلگەن. خىتاي ئورگان مەتبۇئاتلىرىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن مەلۇماتلىرىدىن قارىغاندا 11 تۈرلۈك زەھەرلىك يىمەكلىك كىشىلەرنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەن.
كانادادا ياشاۋاتقان مەشھۇر خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى گو گودىڭنىڭ قارىشىچە، يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىپ ئۆلگەن ئادەم سانىنىڭ كۆپىيىشى، خىتاينىڭ ھازىرقى سىياسىي تۈزۈلمىسىنىڭ ماھىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسى ۋە ئىقتىسادىي تۈزۈلمىسى، پۈتۈنلەي كېرەكتىن چىققان بىر تۈزۈم بولۇپ، ھەر قايسى ساھەلەردە خىزمەت قىلغۇچىلار سەمىمىي ئىنسانلار بولماستىن بەلكى ساختىپەزلىك بىلەن يول تۇتقان ۋە شۇ يول ئارقىلىق بېيىغان ناچار خاھىشتىكى ئىنسانلار، بۇنىڭ ئەكسىچە ئىش ئېلىپ بارغان پاك دىيانەتلىك كىشىلەر بولسا،ھاكىمىيەتنىڭ زىيانكەشلىكىگە ۋە باستۇرۇشىغا ئۇچرىماقتا ئىكەن.
مەيلى قانداق ئاقىۋەتنىڭ مەيدانغا كېلىشىدىن قەتئىي نەزەر، پۇل تېپىشنىلا مەقسەت قىلغان ساختىپەز ئىنسانلار، كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئۆز مەنپەئەتىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويىدۇ، دېمەك بۇ خىل ھالەت، كوممۇنىستىك پارتىيە تۈزۈمىنىڭ بىۋاستە مەيدانغا كەلتۈرۈۋاتقان يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن مەلۇماتلىرىدىن قارىغاندا، ئۆتكەن يىلى 13 مىڭ 280 ئادەم يىمەكلىك بىخەتەر بولماسلىق تۈپەيلى ھەر خىل جىددىي كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان، خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭ ھەقىقىي سەۋەبلىرى ئۈستىدە توختالماي، ئۆزگىرىشچان ھاۋا كېلىماتىدىنمۇ بۇ خىل ئەھۋاللار يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزلىرىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنغان.
ئامېرىكىدىكى بىر مەشھۇر دوختۇر، خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ئەھۋالىنىڭ قانۇن بۇيىچە بىر تەرەپ قىلىنماسلىقى، بولۇپمۇ يېمەكلىكلەر ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش خىزمىتىنىڭ يېتەرسىزلىكىدىن مەيدانغا كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۆزلىرىنىڭ يېمەكلىكلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئاشۇرۇشنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى جار سېلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق مەسىلە ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، يېقىندا ياپونىيىدە يۈز بەرگەن ئىستىمالچىلارنىڭ خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان توڭلىتىلغان سۇ مانتىسىدىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى مەسىلىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلايدۇ.
بۇنىڭدىن شۇنى ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئادەتتە چەتئەللەرگە ئېكىسپورت قىلىدىغان ئوزۇقلۇقلارنىڭ تەركىۋى، پايدىلىق قىممىتى ۋە سۈپەت ئۆلچىمى قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلىرى ئۈستىدە ئەستايىدىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشتىن سىرت، ئۇنىڭ ئىستېمالچىلارغا ھېچقانداق زىيان ئېلىپ كەلمەسلىكى ئالاھىدە تەكشۈرۈلۈشى كېرەك، چۈنكى ئېكىسپورت قىلىنغان ھەر قانداق مەھسۇلات، شۇ دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ.
خىتاي يېمەكلىكلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئۆلچىمى، كىشىلەرنى خاتىرجەم قىلىدىغان دەرىجىگە يەتمەي تۇرۇپ، بېيجىڭ يېمەكلىكلەرنى نازارەت قىلىش ئىدارىسى يېقىندا، بېيجىڭ ئولىمپىك يېمەكلىكلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئۆلچىمىنىڭ خەلقئارا ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ئادۋوكات گو گودىڭ يەنە مۇنداق دەيدۇ: " خىتاي يىمەكلىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى، ھازىرقى سىياسىي تۈزۈمدە ھېچقاچان تەلتۆكۈس بىر تەرەپ بولمايدۇ، چۈنكى بۇ بىر يىلتىزلىق مەسىلە، خىتايدا يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ئەھۋالى يۈز بېرىۋاتقانغا ئىنتايىن ئۇزۇن يىللار بولدى، ئۆز ۋاقتىدا ئەنخۇي ئۆلكىسىدە ئاز دېگەندە 13 بوۋاق ساختا سۈت پاراشوكى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى. بۇ خىل ئەھۋاللار خىتايدىن باشقا دۆلەتلەردە يۈز بېرىپ باقمىغان پەۋقۇلئاددە بىر ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ، سۈت پاراشوكىدىن زەھەرلىنىش ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتايدىكى چەتئەللىك دىپلوماتلارنىڭ بالىلىرىنى خىتايدا ئىشلەنگەن بالىلار يىمەكلىكى بىلەن ئوزۇقلاندۇرمايدىغانلىقى ھەققىدە سۆزلەر تارىلىپ كەتكەن. بۇ ئەلۋەتتە ئۆزىنى دۇنيادا تەرەققى قىلىۋاتقان ئالدىنقى قاتاردىكى دۆلەت دەپ ساناۋاتقان خىتاي ئۈچۈن ناھايىتىمۇ نومۇسلۇق بىر ۋەقە ئەمەسمۇ؟" (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا خەلقئارا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى دوكلاتىدا ئۇيغۇر ئىلىنى تىلغا ئالدى
- فىنلاندىيە "پايتەخت مۇنبىرى" گېزىتى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقى ئېلان قىلدى
- خىتاي ماللىرى ئىراق يەرلىك ماللىرىنىڭ بازىرىنى كاسات قىلماقتا
- خىتاي ماللىرى سۈرىيە بازارلىرىغا بېسىپ كىرىپ يەرلىك ماللارنىڭ بازىرىنى كاسات قىلماقتا
- ئامېرىكىلىق تەنھەرىكەتچىلەر ئولىمپىكتا خىتاينىڭ تامىقىنى يېمەيدۇ
- زەھەرلىك "جۇۋاۋا دېلوسى" ۋە خىتاي - ياپونىيە مۇناسىۋەتلىرى
- كۆپلىگەن ئامېرىكىلىقلار خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشنى خالىمايدۇ
- كانادا ھۆكۈمىتى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش قانۇن لايىھىسى تۈزمەكچى
- " ۋال - مارت سىزگە خىتايدىن ئېلىپ كەلگەن رودژىستىۋا"
- "خىتايدا ياسالدى" دېگەن ماركىنىڭ دەھشىتى
- ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا خىتاي تاۋارلىرىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش تەلەپ قىلىندى
- ئامېرىكىدا يەنە خىتاي ماللىرىنى يىغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى چىقىرىلدى









