0:00 / 0:00
تەڭرىتاغ خەۋەر تورىدىكى مەلۇماتلاردىن، تېكەس ناھىيىسىدە شەنبە كۈنى كوللېكتىپ يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىدىن خەۋەردار بولغاندىن كېيىن، بىز بۇ ھەقتە ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن بىمارلار قۇتقۇزۇلۇۋاتقان تېكەس ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسى بىلەن ئالاقىلاشتۇق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق تىببىي پەنلەر تەتقىقاتچىسى دوكتۇر مەمەت ئىمىن ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ، يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىدۇق.