خىتاينىڭ ھەربىي پاراخوتلىرى شەرقىي دېڭىزدا ياپونىيە بىلەن تالىشىۋاتقان تەبىئىي گاز رايونىغا كىرگەن
2005.09.12
"ئەركىنلىك ۋاقىت گېزىتى" نىڭ 11 - سېنتەبىر كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيىدە ئېلىپ بېرىلغان پارلامېنت سايلىمىدا يۇنىشىرو كويزۇمى ئەپەندى كۆپ سانلىق ئاۋازغا ئېرىشىپ، قايتىدىن باش مىنىستىرلىققا سايلانغان مۇشۇ كۈنلەردە، شەرقىي دېڭىزدا خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا تالاش - تارتىش بولۇۋاتقان جايدا، تېخىمۇ تەپسىلىراق ئېيتقاندا ، خىتاي "چۈنشاۋ نېفىتلىكى" دەپ ئاتاۋاتقان جايدا، خىتاينىڭ 5 ھەربىي پاراخوتى پەيدا بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە خىتاينىڭ بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇلغان قوغلىغۇچ ھەربىي پاراخوتى بار.
تالاش – تارتىشتىكى ئېنېرگىيە مەنبەسى
يىللاردىن بۇيان، ياپونىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا شەرقىي دېڭىزدا تېررىتورىيە تالاش - تارتىشى جىددىي بولۇپ كەلمەكتە. ياپونىيىدىكى پارلامېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلغان كويزۇمى ئەپەندى ئىزچىل ھالدا ياپونىيىدە پوچتا قانۇنى جەھەتتە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى. بۇ جەرياندا ياپونىيىنىڭ نېفىت ئاچىدىغان بەزى شىركەتلىرى شەرقىي دېڭىزدا تەبىئى گاز قېزىشنىڭ قانۇنىي رەسمىيەتلىرىنى ئۆتەپ بولغان. خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىزدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تېررىتورىيە تالاش - تارتىشى بولۇۋاتقان بۇ جايدا ھەربى پاراخوتلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشى ناھايىتى بىر سەزگۈر ۋاقىتقا توغرى كەلگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، خىتاي يەنە بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىن، مۇشۇ تېررىتورىيە تالاش - تارتىشى بار جايدا تەبىئىي گاز قېزىشنى باشلايدۇ.
ياپونىيدىكى پارلامىنت سايلىمىدا غەلىبە قىلغان كويزۇمى ئەپەندى ياپونىيە خەلقىغە ياپونىيە - ئامېرىكا ھەمكارلىقى ئاساسىدا جەنۇبىي كورىيە، خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 مەسىلىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن. ئەمدى كويزۇمى ھۆكۈمىتىنىڭ دېپلوماتىيىسى ۋە ئېلىپ بارىدىغان ئىسلاھاتلىرى ئۆزىنىڭ مۇشۇ ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بولىدۇ.
"نيۇيورك تايمىس گېزىتى"نىڭ بايان قىلىشىچە، ياپونىيە ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى تالاش - تارتىشلار تېخى ئۇرۇش قىلىش دەرىجىسىگە يەتمىگەن، بەلكى ھازىر ياپونىيە بىلەن خىتاينىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدە مۇرەسسەلىشىشنىڭ پەيتى ۋە شەرتى پىشىپ يەتكەن. بۇ مەسىلە خىتاي - ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا ھەل قىلىنىشنى كۈتۈپ تۇرىۋاتقان بىر يوشۇرۇن خەۋپ ئىدى. ياپونىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئىستراتېگىيە جەھەتتە تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ناھايىتى مۇھىم ئىش.
خىتاينىڭ تەھدىتى ۋە ئامېرىكا –ياپونىيە ھەمكارلىقى
خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتى مۇداپىئە ئىنىستىتۇتىنىڭ باشلىقى، جۇدېنىڭ نەۋرىسى جۇ چېڭخۇ يېقىندا ئامېرىكىغا قارىتا ئاتوم بومبىسى ئېتىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ رايوندىكى زىددىيەتلەرنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرىۋەتتى. شۇنداقلا بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ قارىمۇ - قارشىلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنى ھەربىي تەييارلىق مۇسابىقىسىغا باشلاپ كىردى. بۇ ئاخىر ياپونىيىنىڭ يادرو قوراللارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ئېنىق.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى ۋ. بۇش سابىق پرېزىدېنت كىلىنتونغا قارىغاندا خىتاي مەسىلىسىگە نىسبەتەن تېخىمۇ جىددىي قاراپ، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا ھەربىي سانائەت جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ كەلمەكتە. ياپونىيە قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ دۆلەت ئارمىيىسى بولۇشىنى قوللىماقتا. شۇڭلاشقا ياپونىيە ئامېرىكىنىڭ باشقۇرىلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسىغا قاتنىشىپ، ئىراققا ئەسكەر ئەۋەتكەن ئىدى. ئامېرىكىنىڭ خىتاينى مۇھاسىرىگە ئېلىشىدىمۇ، ياپونىيە مۇھىم رول ئوينىماقتا. ياپونىيىنىڭ بۇلتۇر ئوتتۇرىغا قويغان مۇداپىئە پىلانىدا، ياپونىيە - ئامېرىكا بىخەتەرلىك كېلىشىمىگە ئاساسەن، ئوكىناۋانىڭ قوغدىنىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، شەرقىي دېڭىزدا خىتاينىڭ كېڭىيىشىنى چەكلەشنى تەكىتلىگەن. شۇڭلاشقا ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا تەيۋەننى بىرلىكتە قوغداشنى مۇشۇ مەقسەتلەرگە يېتىشنىڭ بىردىن - بىر يولى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويماقتا.
ياپونىيىنىڭ تىرىشچانلىقى
"بوشۈن تور بېتى" دە 12 - سېنتەبىر كۈنى ئېلان قىلىنغان "ياپونىيە مولوككا بوغۇزىنى قوغداشقا كىرىشتى" ناملىق ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، مولوككا بوغۇزى ياۋروپا، ئاسىيا ۋە ئافرىقا قىتئەلىرى ئۆز- ئارا ئالاقە قىلىدىغان خەلقئارالىق دېڭىز قاتنىشىدىكى بىر مۇھىم ھالقا. ھەر يىلى مولوككا بوغۇزىدىن 80 مىڭ پاراخوت ئۆتىدۇ. بۇ جايدىكى پاراخوت قاتنىشى پۈتۈن دۇنيادىكى پاراخوت قاتنىشىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. يىللاردىن بۇيان، ياپونىيە " دېڭىز قاراقچىلىرىغا زەربە بېرىش" دېگەن نام بىلەن بۇ قاتناش يولىدىكى دۆلەتلەرگە پۇل ۋە تېخنىكا جەھەتلەردىن ياردەم بېرىپ كەلمەكتە. نېفىت باھاسى ئۆرلەپ كەتكەن ھازىرقى ۋاقىتتا، مولوككا بوغۇزىنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلىدى. ياپونىيە ھازىر بۇ قاتناش يولىدىكى 16 دۆلەت بىلەن دېڭىز قاراقچىلىقىغا قارشى تۇرۇش جەھەتتە ئۇچۇرلاردىن ئورتاق پايدىلىنىش ۋە ھەمكارلىشىش كېلىشىمى ئىمزالاپ بولدى. بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ، ياپونىيە بۇيىل 6 - ئايدا مالايشىيا بىلەن بىرلىكتە ھەربىي مەشق ئۆتكۈزۈپ، دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ ھەرىكەتچان پاراخوتلىرىنى چارلىغۇچى پاراخوتلار بىلەن "دولقۇن پەيدا قىلىپ" توسۇش، تىك ئۇچار ئايرۇپىلانلار بىلەن شامال چىقىرىپ قوغلاپ تۇتۇش جەھەتلەردە نەتىجە ھاسىل قىلغان ئىدى. (تۈگىدى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ۋە ياپونىيە ۋۇيىنىڭ توكيو زىيارىتىنى بالدۇر ئاخىرلاشتۇرغانلىقى مەسىلىسىدە بىر- بىرىنى ئەيىبلىدى
- ياپونىيىدە ھازىر خىتايغا قارىتا كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىش تەشەببۇس قىلىنماقتا
- خىتاي، ياپونىيىگە قارشى نامايىشقا چېتىلغان 16 كىشىنى قولغا ئالدى
- ياپونىيە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن باسقان يەنە بىر يېڭى قەدەم
- خىتاي -ياپونىيە مۇناسىۋىتىدىكى جىددىيلىك تېخى پەسەيمىدى