خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەر -زېمىن مەسىلىسى ھەققىدىكى دېلولارنىڭ ھەممىسى يەرلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا چېتىلماقتا


2007.03.22

يېقىندا خىتاي دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى خىتايدىكى يەر ‏- زېمىن مەسىلىسىگە ئائىت دىلولار ھەققىدە مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلدى. مەزكۇر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2006 ‏- يىلىدىكى يەر ‏-زېمىن مەسىلىسىگە چېتىلغان دېلولارنىڭ ئۆزىلا 90 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن ھەمدە بۇلارنىڭ ھەممىسى دېگىدەك يەرلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا چېتىلغان. خىتاي دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستېرلىقىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش تەپتىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ شىنباۋ " يەر -زېمىن قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش ھەققىدىكى دىلولار ئۇدۇل بېرىپ ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا تاقاشماقتا، دېمەك يەر ‏- زېمىن مەسىلىسىنىڭ بۇ قەدەر ئېغىرلىشىپ كېتىشىنى يەرلىك ھۆكۈمەت ئۆزى كەلتۈرۈپ چىقارغان" دەپ كۆرسەتتى.

يۇقىرىنىڭ سىياسىتى تۆۋەندە ئىجرا بولمايدۇ

شاڭخەيدىكى يەر -زېمىن مەسىلىسى ئادۋوكاتى ليۇ جۈنچاڭ بۇ ھەقتە توختىلىپ، مۇنداق دېدى:

"ھازىر يەر -زېمىن مەسىلىسىدە، مەركىزى ھۆكۈمەت بىلەن يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەنپەئەتى بىردەك بولمىغاچقا، بۇ ھەقتە يۈز بېرىۋاتقان مەسىلىلەر بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. يۇقىرىدىن ھەر دائىم ‘قاتتىق تەكشۈرۈش كېرەك’ دېگەن بۇيرۇق چۈشۈپ تۇرغىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئۇنى ئىجرا قىلىش دېگەن گەپ يوق. يەرلىك ھۆكۈمەت يۇقىرىنىڭ سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشتا ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن ئىش ئېلىپ بارىدۇ. ئۇلار مەيلى قانۇنلۇق بولسۇن ياكى بولمىسۇن، ئالدى بىلەن ئۆزىگە كېلىدىغان پايدىنى ئويلايدۇ. ئۇلار داۋاملىق يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقى دەپ تۇرۇپ، قانۇنسىز ئىشلارنى ئۆز ئالدىغا قانۇنلاشتۇرۇش، جەرىمانە قويۇش، يەرنى ئۆتكۈزۈۋېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆزى بىلگەننى قىلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى مىڭ كۈچىگىنى بىلەن، يەنىلا ئامالسىز قالىدۇ. چۈنكى يۇقىرى ئورگانلار تۆۋەنلەردە بولۇۋاتقان ئىشلارنى ھەرگىزمۇ بىر- بىرلەپ تەكشۈرۈپ بولالمايدۇ، چۈنكى يەرلىكنىڭ مەمۇرى ئىشلىرىنى باشقۇرۇۋاتقان يەنىلا يەرلىك ھۆكۈمەت ئۆزى. شۇڭا بۇ ھەقتىكى دىلولار كۆپەيسە كۆپىيىدۇكى ھەرگىزمۇ ئازايمايدۇ ".

ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يەرلىرىنى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قولىغا چۈشمەكتە

رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي رايونىدىكى بىر قىسىم جايلاردا، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كېلىۋاتقان كۆچمەنلەر سانىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن، يەر زېمىن مەسىلىسى تېخىمۇ جىددىي بىر خىل ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن، بولۇپمۇ خىتاي كۆچمەنلىرى يەرلىك ھۆكۈمەت خادىملىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق، بىنەم يەرلەردىن نەچچە يۈز مولاپ يەر سېتىۋالىدىغان، يولى يوق ئۇيغۇر دېھقانلىرى بولسا، ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى نەچچە ئون مو يېرىگىمۇ ئىگە بولالماي، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ يېرىگە مەدىكار بولۇپ ئىشلەپ جان باقىدىغان ئەھۋال ناھايىتى ئومۇملىشىپ كەتكەن.

بۇ قېتىم خىتاي دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقىنىڭ ئېلان قىلغان 2006 ‏- يىللىق دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن يەر -زېمىن مەسىلىسىگە ئائىت 90 مىڭدىن ئارتۇق دىلولار ئارىسىدا، ھەتتا ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەرلەرگە چېتىلغان دىلولارمۇ بار بولغان. لېكىن پارتىيە ئىنتىزام تۈزۈمى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغانلار پەقەت 1% نى ئىگىلىگەن.

يېقىندا بېيجىڭدا ئېچىلغان خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەرمۇ خىتايدا كۈندىن -كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتقان يەر -زېمىن مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، "ھازىر يەر ‏- زېمىن يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بانكىسىغا ئايلاندى. يەرلىك ھۆكۈمەت خادىملىرى خەلقنىڭ يەر -زېمىنىنى ئۆزى خالىغانچە باشقۇرۇپ، خالىغانچە تەقسىم قىلىپ، خالىغانچە بۇلاڭ -تالاڭ قىلىدىغان بولدى" دېگەندەك پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. مەزكۇر يىغىندا، بىر قىسىم غەربىي رايونىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ "يېزىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش" دېگەن باھانە بىلەن قانۇنسىز يەر ئىگىلەش قىلمىشلىرىمۇ پاش قىلىنغان.

رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قەشقەر رايونىنىڭ مەلۇم بىر يېزىسىدىكى ئۇيغۇر دېھقاننىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ھازىر مەزكۇر جايدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئارىسىدا، كۆچمەن خىتايلارنىڭ كۆپىيىشى، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ زومىگەرلىكى ۋە شۇنداقلا ئېغىر ھاشار ئەمگىكى تۈپەيلىدىن، ئۆز يەر ‏- زېمىنلىرىنى تاشلاپ، ياققا يۇرتلارغا كېتىدىغان ئەھۋال بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلىغان. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.