خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سابىق باش سېكرىتارى جاۋ زىياڭ ئۆلدى

Zhao150.jpg

ئاخىرقى 15 يىللىق ئۆمۈرىنى ئائىلە نەزەربەنتىدە ئۆتكۈزگەن خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سابىق باش سېكرىتارى جاۋ زىياڭ، دۈشەنبە كۈنى 85 يېشىدا بېيجىڭ دوختۇرخانىسىدا ئۆلدى.

جاۋ زىياڭ، تاشقى دۇنيادا خىتاي ئىقتىسادى ئىسلاھاتى ۋە ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ باش لايىھىلىگۈچىسى، دەپ قارىلىدۇ. ئۇنىڭ 1980 - يىللاردىكى پارتىيە باش سېكرىتارلىقىنى ئۈستىگە ئالغان مەزگىللەردە ئېلىپ بارغان سىياسى ئىسلاھاتى، پارتىيە ئىچىدىكى قاتتىق قول ئۇنسۇرلارنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان. جاۋ زىياڭ ، كومپارتىيە ئىچىدىكى قاتتىق قوللارنىڭ بېسىمىغا تىز پۈكۈشنى رەت قىلىپ، 1989 - يىلى تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى قوراللىق باستۇرۇشقا قارشى تۇرغان. شۇ قېتىمقى ۋەقەدە تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى نامايىشچىلاردىن نەچچە يۈز ئوقۇغۇچى خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.

ئۆركەش دۆلەتنىڭ قارىشى

15 يىل مابەينىدە جاڭ زىياڭ ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىش، كومپارتىيە ئىچىدىكى قاتتىق قوللار تەرىپىدىن چەكلەنگەن.1989 -يىلدىكى تيەنئەنمېن دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ئۆركەش دۆلەت، جاۋ زىياڭ ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:

"ئۇ ئۆزى توغرا دەپ قارىغان نەرسە ئۈچۈن ئەركىنلىكىدىن ئايرىلدى. بۇ نەرسە ئۇنىڭ ئەخلاقى ئىدى. ئۇنىڭ ئەخلاقى ئېتىقادىدىن كەلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇنى ھۆرمەت قىلىمەن. بىراق، ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى پۇرسەتلەر بار ئىدى. ئۇ ھوقۇق تۇتۇپ تۇرغاندا تېخىمۇ ياخشى ئىشلارنى قىلالايتتى. ئەگەر ئۇ تېخىمۇ جاسارەتلىك بولغان بولسا، تارىخنى ئىھتىمال بۇ كىشى قايتىدىن يازغان بولاتتى. مېنىڭچە ئۇ پۇشمان بىلەن كەتتى. بەزىلەر، ئۇ ئوقۇغۇچىلارنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن پۇشمان قىلدى، دەيدۇ. مېنىڭچە ئۇ ئوقۇغۇچىلارنى نېمە ئۈچۈن كۆپرەك قوللىمىغانلىقى ئۈچۈن پۇشمان بىلەن ئۆلگەن بولۇشى مۇمكىن."

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئاخىرى دۈشەنبە كۈنى جاۋ زىياڭ ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە قارىتىلغان چەكلىمىنى بۇزۇپ، جاۋ زىياڭنىڭ ئۆلگەنلىكىنى شىنخۇئا ئاگېنتلىقى ئارقىلىق تۆۋەن مۇقامدا خەۋەر قىلدى. خىتاينىڭ ھۆكۈمەت زۇۋانى شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقى، "يولداش جاۋ زىياڭ ئۇزۇندىن بېرى نەپەس يولى ۋە يۈرەك قان تومۇرىدىكى كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كۆپ قېتىم دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانغان. يېقىندىن بېرى كېسەل ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي 1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى 85 يېشىدا بېيجىڭدا ۋاپات بولدى." دەپ خەۋەر بەردى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشى

BaoTong200.jpg
17-يانۋار، يەنى جاۋ زىياڭ ئۆلگەن كۈندىكى تيەنئەنمېن مەيدانى. AFP/Frederic J. Brown

نۆۋەتتە جاۋ زىياڭنىڭ دەپنە مۇراسىمىنى قانداق ئۆتكۈزۈش شۇنداقلا ئۇنىڭغا قانداق باھا بېرىش مەسىلىسى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىشقا باشلىغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، كومپارتىيە ھاكىمىيەت يادروسىدىكى ئەربابلار، جاۋ زىياڭنىڭ دەپنە مۇراسىمى پۇقرالارنىڭ كومپارتىيىگە قارشى ئاممىۋى نارازىلىق ھەرىكىتىنى قوزغىۋېتىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن. چۈنكى 1989 - يىلدىكى تيەنئەنمېن دېموكراتىيە ھەرىكىتى، ئەينى دەۋردىكى كومپارتىيە باش سېكرىتارى خۇ ياۋباڭنىڭ ئۆلۈمى بىلەن باشلانغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سىياسى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش جەھەتتىكى ئىرادىسى جاۋ زىياڭنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ تۆھپىسى ھېسابلىنىدىكەن . گەرچە ئۇ مەقسىتىگە يېتەلمىگەن بولسىمۇ بىراق ئۇ، ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى نىشانى ئۈچۈن كىشىلىك ئەركىنلىكىدىن ئايرىلغان.

جاۋ زىياڭنىڭ سابىق كاتىپىنىڭ قارىشى

جاۋ زىياڭنىڭ سابىق كاتىپى، مەركىزى كومىتېت سىياسى ئىسلاھات تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ سابىق مۇدىرى باۋ توڭ، جاۋ زىياڭنى ئاقلاپ مۇنداق دىگەن:

"مېنىڭچە بۇ دەۋرنىڭ تارىخىغا قىزىقىدىغان ھەر قانداق كىشى تارىخىي خاتىرىلەرنى كۆرۈپ باقسا بولىدۇ. شۇ چاغدا، جاۋ زىياڭنىڭ دەۋرىدە بىرمۇ سىياسى مەھبۇسنىڭ كۆپەيمىگەنلىكىنى، بىرەرمۇ گېزىت ژورنال ياكى نەشرىياتنىڭ تاقالمىغانلىقىنى كۆرىدۇ. بۇ دەۋردە بىرەر كىنونىڭ چەكلەنگەنلىكى ياكى بىرەر ئەدەبىي ئەسەرنىڭ قانۇنسىز، دەپ ئېلان قىلىنغانلىقىنى ئۇچراتمايدۇ. مېنىڭچە يولداش جاۋ زىياڭنىڭ بۇ جەھەتتە ھېچقانداق مەسىلىسى يوق."

جاۋ زىياڭنىڭ تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىدىكى مەيدانى

جاۋ زىياڭ 1970- يىللاردا سىچۈئەن ئۆلكىسىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى، 1980 يىللاردا خىتاي دۆلەت كابىنتىنىڭ باش مىنىستىرلىقى شۇنداقلا كومپارتىيە باش سېكرىتارلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.1989 - يىلى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سابىق باش سېكرىتارى خۇ ياۋباڭ ئۆلگەندە، خىتاي تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى پارتلىدى. دىڭ شاۋپىڭ، ھاكىمىيەت يادروسىدىكى قاتتىق قوللار بىلەن ئالاقىلىشىپ، تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى دېموكراتىيە ھەرىكىتىنى قوراللىق باستۇرۇشنى قارار قىلغانغاندا جاۋ زىياڭ باستۇرۇشنى رەت قىلغان. ئۇ، 5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى زىيارەت قىلغاندا كۆز يېشى قىلىپ، "بىز قېرىپ قالدۇق، بىزنىڭ كارايىتىمىز چاغلىق، بىراق سىلەر تېخى ياش، كۈنلەر تېخى ئۇزۇن،" دەپ خىتاپ قىلغان ئىدى.

بىر ئەدىبنىڭ قارىشى

جاۋ زىياڭنىڭ سۆزى كومپارتىيە ئىچىدىكى تيەنئەنمېن دېموكراتىيە ھەرىكىتىنى باستۇرۇش تەرەپدارلىرىنىڭ سۆز- ھەرىكىتى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولۇپ قالغان. مەيئامى ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ پروفىسسورى جيۇن جرايېر جاۋ زىياڭغا باھا بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:

"جاۋ زىياڭ قانداقلا بولمىسۇن ئۇزۇن مەزگىلگىچە كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئەسلىشىگە سازاۋەر بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ بۇنىڭغا مۇناسىپ ئادەم. مېنىڭچە كەلگۈسىدە 10 يىلدا شۇ دەۋردىكى ئوقۇغۇچىلار ھوقۇق تۇتقاندىن كېيىن جاۋ زىياڭنىڭ نامىنى قايتا تىكلەيدۇ. چۈنكى ئۇ خىتايغا لىبېرالىزمنى ئېلىپ كەلگەن." 1989 - يىلى 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى كومپارتىيە ئىچىدىكى قاتتىق قوللار گۇرۇھىنىڭ ئەزاسى، سابىق خىتاي باش مىنىستىرى لى پېڭ بېيجىڭدا ھەربىي ھالەت ئېلان قىلدى. جاۋ زىياڭ نەزەربەنت قىلىندى. دېڭ شاۋپىڭ، جاۋ زىياڭنى پارتىيىنى پارچىلاش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى. (ئەركىن)