ئۇيغۇرلار: جاۋ زىياڭ ئوقۇغۇچىلار ۋەقەسىدە مىللەتچىلىكنى چىقىش قىلغان

0:00 / 0:00
ZhaoRespects200.jpg

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سابىق باش سېكرىتارى جاۋ زىياڭ دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدا ئۆلدى. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى جاۋ زىياڭنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى قاتتىق كونترول قىلىپ، مەملىكەت ئىچىدىكى تور پونكىتلىرىدا جاۋ زىياڭ ھەققىدىكى مۇنازىرىلەرنى چەكلىگەن.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، كومپارتىيە تەشۋىقات بۆلۈمى، رادىئو - تېلېۋىزىيە ۋە گېزىت - ژورناللارغا ئۇختۇرۇش چۈشۈرۈپ، جاۋ زىياڭ ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئېلان قىلماسلىقنى تەلەپ قىلغان. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى جاۋ زىياڭنىڭ مىيىتىنى قانداق ئۇزۇتىدىغانلىقى توغرىسىدا ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى. جاۋ زىياڭنىڭ قىزى ۋاڭ يەننەن، مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر بىلەن دادىسىنىڭ مىيىتىنى قانداق ئۇزىتىش مەسىلىسى بويىچە سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاينىڭ جاۋ زىياڭغا بەرگەن باھاسى ئۆزگەرمەيدۇ

ئەگەر جاۋ زىياڭ قانۇننى ياكى دېموكراتىيىنى ھۆرمەت قىلغان بولسا، شەرقىي تۈركىستاندىكى دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنى باستۇرمايتتى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كوڭ چۈەن، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 1889 -يىلدىكى ھەرىكىتىنى ئاقلاپ مۇنداق دەيدۇ:

"ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىدا يۈز بەرگەن سىياسى بوران - چاپقۇن ۋە جاۋ زىياڭ ئەپەندىنىڭ مەسىلىسى ئەمەلىيەتتە ئاللىقاچان بېكىتىلىپ بولغان. جوڭگونىڭ 15 يىلدىن بېرىقى تەرەققىياتىنىڭ ئەمەلىيىتى بۇنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىدى. بىزمۇ كۆپ قېتىم تەكىتلىدۇق، جوڭگونىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى جوڭگو ئۈچۈن شۇنداقلا دۇنيا ئۈچۈنمۇ پايدىلىق."

جاۋ زىياڭنىڭ قىزى ۋاڭ يەننەننىڭ ئەنگىلىيە رادىئو - تېلېۋىزىيە شىركىتى ب ب س غا بىلدۈرۈشىچە، جاۋ زىياڭنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر دادىسى ئۈچۈن ماتەم مۇراسى ئۆتكۈزۈش تەلىپىدىن ۋاز كەچمىگەن. بىراق ئۇ، جاۋ زىياڭ ئۈچۈن دۆلەت دەرىجىلىك رەسمى دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر بىلەن سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي، بۇ ھەقتىكى خەۋەرنى كونترول قىلماقتا

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، جاۋ زىياڭنىڭ سابىق كاتىپى باۋ توڭ سەيشەنبە كۈنى ئايالى جاڭ زوڭساۋ بىلەن، جاڭ زىياڭغا ماتەم بىلدۈرۈش ئۈچۈن ماڭغاندا مەخپىي ساقچىلار تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغان. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى جاۋ زىياڭنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى قاتتىق كونترول قىلىش بىلەن بىرگە، تيەن ئەنمىن مەيدانىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتى.

"نيو- يورك ۋاقتى" گېزىتى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ جاۋ زىياڭ ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى كونترول قىلىشى، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ خۇ جىنتاۋنىڭ جاۋ زىياڭنى ئاقلىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ ئەسكەرتكەن. ئامما چەتئەلدىكى خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ دۈشەنبە ۋە سەيشەنبە كۈنكى كۈن تەرتىپىنى جاۋ زىياڭ ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئىگىلىدى.

خىتاي دېموكرات سېپىدىكىلەر جاۋ زىياڭغا ئىجابىي باھا بېرىشمەكتە

كىمبېرج ئۇنىۋەرسىتېتىدىكى ئىقتىسادشۇناس دوكتور جاڭ ۋېي، جاۋ زىياڭنى خىتاي كومپارتىيىسى ئىچىدە ئاز ئۇچرايدىغان ئىنسانپەرۋەر ئادەم، دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ، "ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى" دا مۇنداق دەيدۇ: "جاۋ زىياڭ خىتاي كومپارتىيىسى ئىچىدە ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان ئىنساپلىق، ئىنسانپەرۋەر رەھبەر." جاڭ ۋېي، جاۋ زىياڭنى 80 -يىللاردىكى خىتاي ئىسلاھاتىنىڭ باش لاھىيىلىگۈچىسى، دەپ تەرىپلىگەن.

"جاۋ زىياڭ ئۈچۈن ياخشى پۇرسەتلەر بار ئىدى....... ئەگەر ئۇ تېخىمۇ جاسارەتلىك بولغان بولسا تارىخنى ئىھتىمال بۇ كىشى قايتىدىن يازغان بولاتتى."

1989 - يىلدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ئۆركەش دۆلەت جاۋ زىياڭ ھەققىدە توختىلىپ، ئۇنىڭ ئۆزى توغرا دەپ قارىغان نەرسە ئۈچۈن ئەركىنلىكىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن . بىراق ئۇ يەنە ئەسكەرتىپ مۇنداق دەيدۇ: "جاۋ زىياڭ ئۈچۈن ياخشى پۇرسەتلەر بار ئىدى............ئەگەر ئۇ تېخىمۇ جاسارەتلىك بولغان بولسا تارىخنى ئىھتىمال بۇ كىشى قايتىدىن يازغان بولاتتى." 1989 - يىلدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە يىتەكچىلىك قىلغان ئۆركەش دۆلەت، خىتاي دېموكراتىيە سېپىدىكى بىردىن - بىر ئۇيغۇر.

ئوخشاش بولمىغان باھا

ئامما شەرقىي تۈركىستان كۈرەش سېپىدىكى ئۇيغۇرلار، جاۋ زىياڭنى دېموكراتىيە بايرىقىنى كۆتۈرىۋالغان خىتاي مىللەتچىسى، دەپ تەرىپلىمەكتە. مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، جاۋ زىياڭنىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى خىتايلارغا قالدۇرغان سىياسى مىراسى، "مۇشتۇمزور مىللەتچىلىك" بىلەن " دېموكراتىك مىللەتچىلىك،" دەپ كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

"ئەگەر جاۋ زىياڭ قانۇننى ياكى دېموكراتىيىنى ھۆرمەت قىلغان بولسا، شەرقىي تۈركىستاندىكى دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنى باستۇرمايتتى. ئۇ 1988 – يىل 6 – ئايدا شەرقىي تۈركىستاندادا يۈز بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى باستۇرغان. شۇ نامايىشقا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن چەتئەلدە سۈرگۈن بولۇپ ياشاۋاتقانلار، ئەنە شۇ جاۋ زىياڭنىڭ تەسىرى."

جاۋ زىياڭنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى يىللاردا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن خىتاي ئوقۇغۇچىلارغا قوش ئۆلچەم قوللانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن دىلشات رىشىت مۇنداق دەيدۇ.

"جاۋ زىياڭ ئەسلىدىنلا بىر مىللەتچى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆز مىللىتىنىڭ ئىشىغا كەلگەندە ئوقۇغۇچىلارغا ھىسداشلىق قىلدى. ئەمما، خىتاي پۇقراسى بولمىغان ئۇيغۇرلارغا كەلگەندە قاتتىق قوللۇق سىياسەت يۈرگۈزگەن. بۇنىڭ ئۆزىدىلا جاۋ زىياڭنىڭ مىللەتچىلىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.

دىلشات رىشىت سۆزىنىڭ ئاخىرىدا بېيجىڭ دائىرىلىرىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى مۇشتۇمزور مىللەتچىلىك ۋاستىلىرى ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى دىموكراتىئىك ۋاستىلار ۋە قانۇنى يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىشقا چاقىردى. (ئەركىن)