ئىككى چوڭ يىغىن ۋەكىللىرىنىڭ ئالىي زىبۇزىننەت سېتىۋېلىش كۈچى بازارنى ھەيران قالدۇرغان

ئىككى چوڭ يىغىندا ئاچقان زىبۇزىننەت بازاردىكى غەلىتە قىممەت باھالىق ماللار ئىككى چوڭ يىغىن ئەھلىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىغان.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2012-03-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدا باشلانغان خەلق قۇرۇلتىيى. 2011-يىلى 5-مارت.
دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدا باشلانغان خەلق قۇرۇلتىيى. 2011-يىلى 5-مارت.
AFP

سېنگاپوردا چىقىدىغان «بىرلەشمە سەھەر گېزىتى» نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي خەلق قۇرۇلتېيى ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ 5 مىڭ 2 يۈز 64 نەپەر ۋەكىلى ۋە ئەزاسى، گەرچە بېيجىڭدا ئېچىلغان چوڭ يىغىندا، كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ تۈگىمەس دوكلات، يوليورۇق ۋە ھەشەمەتلىك زىياپەتلىرىدىن زېرىككەن بولسىمۇ، ئەمما ئەڭ چوڭ كاپىتالىستلار خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ بۇ ئىككى چوڭ يىغىندا ئاچقان زىبۇزىننەت بازىرىدىن زېرىكمىگەن. ھەتتا بۇ بازاردىكى غەلىتە قىممەت باھالىق ماللار ئىككى چوڭ يىغىن ئەھلىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىغان.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، «خېڭدا گۇرۇھى» نىڭ باش پايچېكى، خىتاينىڭ سىياسىي كېڭەش ئەزاسى شۈ جايىڭ ئىككى چوڭ يىغىندا، جاڭ زېمىن يېتىشتۈرگەن مەشھۇر ناخشىچى، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى سوڭ زۇيىڭ، خىتاي مەركىزى كومىتېتىغا ئەڭ يارىغان مەشھۇر تېلېۋىزىيە رىياسەتچىسى ياڭ لەن، خىتاينىڭ سابىق باش مىنىستىرى لى پېڭنىڭ قىزى،خىتاي ئېلېكتر قۇۋۋىتى شىركىتىنىڭ باش پايچىكى لىن شاۋلىن قاتارلىقلارنى «مودېل» لىققا ياللىۋالغان. بۇ ۋەكىل مودېللار كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئىككى چوڭ يىغىنىدا ئەڭ چوڭ كاپىتالىستلارنىڭ مېلىنى ساتقان.

خىتايدىكى زىبۇزىننەت سودىگەرلىرىنىڭ تور گېزىتى «چوڭ دەريا » دا بايان قىلىنىشىچە، ئىككى چوڭ يىغىننىڭ مودېل ۋەكىللىرى بېلىگە باغلىغان 36 يېرىگە مەرۋايىت كۆز قويۇلغان پىئاگەت ماركىلىق بىر كەمەر نىڭ باھاسى 280 مىڭ يۈەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئىككى چوڭ يىغىندىكى زىبۇزىننەت كۆرگەزمىسىدە يەنە رولىكىس، ئومىگا ماركىلىق قولسائەتلىرى، گۇچى ماركىلىق ئۈزۈك-بېلەيزۈكلەر، پۇچى ماركىلىق مېدالىئون، دىئور ماركىلىق قارا كۆز ئەينەك، خېرمس ماركىلىق بەل تاسمىسى، ۋېنېتا ماركىلىق ماتېرىيال سومكىسى، شانەل ماركىلىق ئۆتۈك، ئارمانى ماركىلىق پەلتو، جاكوبس ماركىلىق سومكا، ھەتتا فېرراگامو ماركىلىق كېيىملەرمۇ بار ئىدى، بۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ باھاسى بىر نەچچە ئونمىڭ يۈەندىن تۆۋەن ئەمەس ئىدى. قىسقىسى بۇ ئىككى چوڭ يىغىندا كۆرگەزمە قىلىنغان بىر دانە سىيا قەلەمنىڭ باھاسىمۇ 8 مىڭ يۈەندىن 10 مىڭ يۈەنگىچە. گەرچە بۇ يەردىكى مال باھاسى ھەتتا پارىژنىڭ زىننەت بۇيۇم كۆرگەزمىسىدىكى ماللارنىڭ باھاسىدىنمۇ كۆپ ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ماللارنىڭ ھېچقايسى ۋەكىل خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىغان.

بىر مۇنچە تور گېزىتلىرى، تەھلىل ئېلان قىلىپ، خىتايدا ھەر يىلى 3‏- ئايدا زىبۇزىننەت بۇيۇملىرىنىڭ باھاسى غەلىتە ئۆسۈپ كېتىشى، ھەر يىلى 3‏- ئايدا ئېچىلىدىغان ئىككى چوڭ يىغىنغا كېلىدىغان بايلار بىلەن بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ كۆرسەتتى. بۇ گېزىتلەرگە خەلق بىۋاسىتە يېزىپ ئەۋەتكەن قىسقا ئوبزورلاردا شىددەتلىك غەزەپ ئىپادىلەندى.

خىتاينىڭ «دۆلەت مالىيىسى» ھەپتىلىك گېزىتى بۈگۈن ئىككى چوڭ يىغىننىڭ زىبۇزىننەت بازىرى ھەققىدە تارتىلغان رەسىملەرنى ئىنتېرنېتتا ئېلان قىلغان ۋە بۇ ھەقتە مۇلاھىزە قىلغان ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى، سۆز-چۆچەك تارقاتتى دەپ تەنقىدلىدى ۋە ئىككى چوڭ يىغىن جەريانىدا ۋەكىل ۋە ئەزالارنىڭ زامانىۋى كىيىنگەنلىكى خىتايدا ئىقتىساد ئۇچقاندەك تېز تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنىڭ بەلگىسى دەپ چۈشەندۈردى.

بۇنىڭغا قارىتا بۈگۈن يەنە بىر مۇنچە تور گېزىتلىرىدە جىددىي مۇنازىرە قوزغالدى. ئۇنىڭدىكى بەزى ئوبزورلاردا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇلتۇر جاكارلىغان 128 مىليون خەلق تېخىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلالمىدى دېگەن سانلىق مەلۇمات نەقىل ئېلىپ ئىككى چوڭ يىغىننىڭ ۋەكىلى دېگەن كىشىلەرگە غەزەپ ئىپادىلەنگەن. يەنە بەزى ئوبزورلاردا، ھەر يىلى خىتاينىڭ ئىككى چوڭ يىغىنىغا ۋەكىل دېگەن سالاھىيەت بىلەن قاتنىشىدىغان كىشىلەرنىڭ، ھېچقاچان خەلق سايلاپ باقمىغان كىشىلەر ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ نېمە قىلىپ بېيىپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى دەلىل-ئىسپاتلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. يەنە بەزى ئوبزورلاردا، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ «ۋەكىللىرى»، سىياسىي كېڭەش «ئەزالىرى» دېگەن كىشىلەرمۇ كوممۇنىست باندىت گۇرۇھىنىڭ بىر قىسمى دەپ كۆرسىتىلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت