خىتايدا ئىجتىمائىي زىددىيەتلەر كەسكىنلەشمەكتە
2005.04.15
ئۆز مۇخبىرىمىزنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 4 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى "پولات سەددىچىن" دەپ ئاتايدىغان ئازادلىق ئارمىيىنىڭ جەڭچى-ئوفىتسېرلىرىمۇ مىڭلاپ -مىڭلاپ توپلىنىپ بېيجىڭگە كېلىپ ئەرىز-شىكايەت قىلىدىغان چوڭ ۋەقە يۈز بەرگەن. ھەربىي سەپتىن چېكىندۈرۈلگەن ئازادلىق ئارمىيە جەڭچىلىرىدىن ئىككى مىڭدەك ئادەم ھەربى كىيىم كىيگەن ھالدا، يېپىنچىلىرىنى، ھەتتا يىغما ئورۇندۇقلىرىنىمۇ يۈدۈپ سەپ تۈزۈپ بېيجىڭ شەھرىنىڭ غەربىي شەھەر رايونىدىكى ئازادلىق ئارمىيە باش سىياسىي شىتابىنىڭ ئەرزىيەت ئورنىغا كەلگەن. ئۇلارنىڭ قانداق شەكىلدە تەشكىللىنىپ كەلگەنلىكى، ئۇنىڭغا كىم يېتەكچىلىك قىلىۋاتقانلىقى نامەلۇم.
ئەرز ئېيتقىلى كەلگەن ھەربىيلەرگە زوراۋانلىق قوللىنىلغان
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، توپلىنىپ ئەرز ئېيتقىلى كەلگەن بۇ 2000 دەك ئازادلىق ئارمىيە خادىملىرىنى ھۆكۈمەتنىڭ ناھايىتى كۆپ قوراللىق ساقچى قىسىملىرى قورشىۋالغان، شۇنداقلا، ئۇلارنى مەجبۇرلاپ چوڭ ئاپتوموبىللارغا چىقىرىپ ئېلىپ كەتكەن. ئەتراپتا نەق مەيداننى يىراقتىن تۇرۇپ كۆرگەن پۇقرالارنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ھۆكۈمەتنىڭ قوراللىق ساقچىلىرى ئەرز ئېيتقىلى كەلگەن بۇ ھەربىلەرگە زوراۋانلىق ۋاستە قوللانغان. بۇ ھەربىلەرنىڭ ئىچىدە ياش ئەسكەرلەرمۇ بار. ياشىنىپ چېچىغا ئاق كىرگەن ئوفىتسېرلەرمۇ بار. بەزىلىرى قۇرۇقلۇق ئارمىيىدىن. بەزىلىرى ھاۋا ئارمىيىسىدىن. ساقچىلار بۇ ھەربىلەرگە قارىتا ھەرىكەت قوللانغان. ھەربىلەرنى بىر - بىرلەپ ئاپتوموبىلغا ئىتتىرىپ چىقارغان. ماشىنىغا چىققىلى ئۇنىمىغانلارنى ساقچىلار ئۇرغان.
يەنە بىر كىشىنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە ، ھەربىيلەر توپلانغان بۇ جاي بېيجىڭدىكى ئەيمىنجىي دېگەن كوچىدا، بۇ كوچا غەربىي شەھەر رايونى ساقچى ئىدارىسىغا يېقىن. مەركىزى ھۆكۈمەت ئەرزىيەت ئىدارىسىغىمۇ يېقىن. جوڭنەنخەيگە تېخىمۇ يېقىن. شۇڭلاشقا، ھۆكۈمەت بەكلا جىددىيلىشىپ كەتكەن. بۇ كىشىلەر بېيجىڭ ئۇبۋېرىسى دۇختۇرخانىسىنىڭ ئالدىدا توپلىنىپ بۇ جايغا كەلگەن. دۆلەت كابىنتى ئەرزىيەت ئىدارىسى چوڭ ئاپتوموبىللارنى يۆتكەپ كېلىپ، ئەتىگەن سائەت 9 غىچە، ئۇلارنى بۇ جايدىن ئاپتوموبىللارغا سېلىپ ئېلىپ كەتكەن. بۇ جايدىن ئېلىپ كەتكەن ئادەم سانى 1000 دىن ئاشىدۇ.
ئەرز ئېيتقىلى كەلگەنلەر زوراۋانلىق قوللانمىغان
"ئۇلۇغ ئىرا گېزىتى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭدە 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ياپونىيىگە قارشى نامايىش بولغاندىن كېيىن، 4 - ئاينىڭ 11 - كۈنى مىڭلىغان ھەربىيلەر جوڭنەيخەينىڭ يېنىغا توپلىنىپ كوللېكتىپ ھالدا ئەرز ئېيتىدىغان ۋەقە يۈز بەردى. 13 - كۈنى ھەر قايسى ئۆلكىلەردىن بېيجىڭگە ئەرز ئېيتقىلى كەلگەن دەردمەن پۇقرالاردىن 5000 - 6000 دەك ئادەم دۆلەت كابىنتىنىڭ ئەرزىيەت ئىشخانىسى ئالدىغا توپلانغان. ھۆكۈمەت ئۇلارغا پىسەنت قىلمىغاندىن كېيىن، ئەرزىيەتچىلەر توپى دۆلەت كابىنتى ئەرزىيەت ئىشخانىسىنىڭ تۆمۈر دەرۋازىسىنى ئىتتىرىپ ئۆرىۋەتكەن. ئەمما ئۇلار زوراۋانلىق ھەرىكەت قوللانمىغان.
خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 4 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، جېجاڭ ئۆلكىسىنىڭ دوڭياڭ ناھىيىسىدە، يەرلىك ھۆكۈمەت قۇرغان خىمىيە زاۋۇتى، بوياقچىلىق زاۋۇتى، دېھقانچىلىق دورىلىرى زاۋۇتى قاتارلىق زاۋۇتلار خەلقنىڭ سۇ ئىچىش، نەپەسلىنىش مۇھىتىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىۋەتكەنلىكتىن كېلىپ چىققان كېسەللىك قاتارلىق ئېغىر ئاقىبەرلەرگە خەلق قارشىلىق بىلدۈرۈپ ئەرز قىلسا ، ھۆكۈمەت سورىمىغاندىن كېيىن، پۇقرالار ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا چېدىر تىكىپ يېتىپ " بىزنىڭ يەر- زىمىنىمىزنى قايتۇرسۇن" ، "بىزگە ھاياتلىق كېرەك" دەپ يېزىلىغان پىلاكاتلارنى ئېسىپ قويغان. ھۆكۈمەت 4000 دىن ئارتۇق ساقچىنى تەشكىللەپ خەلقنى باستۇرۇرۇشقا باشلىغان. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- پىنسىيىگە چىققان ئازادلىق ئارمىيە ئوفىتسېرلار بېيجىڭدا نامايىش قىلدى
- جېجياڭدىكى قانلىق توپىلاڭدىن كېيىنكى ۋەزىيەت داۋاملىق جىددى بولماقتا
- خىتايدا يۈز بەرگەن توپىلاڭدا 80 قا يېقىن ساقچى يارىلاندى
- بېيجىڭ ھۆكۈمىتى جاۋ زىياڭ بىلەن ۋىدالىشىش مۇراسىمىغا ئۆكتىچىلەرنىڭ قاتنىشىشى چەكلىگەن
- جاۋ زىياڭنىڭ جەسىتى بىلەن ۋىدالىشىش مۇراسىمى شەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ