زىيا سەمىدىنىڭ "ئىستەك ۋە قىسمەت" ماۋزۇلۇق ئەسلىمىسى نەشىر قىلىندى

0:00 / 0:00

مەشھۇر ئۇيغۇر يازغۇچىسى، جامائەت ۋە مەدەنىيەت ئەربابى زىيا سەمەدىنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا يېزىپ قالدۇرغان ئەسلىمىسى " ئىستەك ۋە قىسمەت" يېقىندا قازاقىستاندىكى " ناش مىر" نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى. بۇ كىتاب مەرھۇم يازغۇچى زىيا سەمەدىنىڭ باي مەزمۇنلۇق ۋە كۆپ قىرلىق ئەدەبىي ئىجادىيىتىگە يەنە بىر يېڭىلىق يەنى ئەسلىمە ژانىرىنى قوشقان بولۇپ، زىيا سەمەدى ئۆز ھاياتىدا بىر قانچە ئون تارىخىي دراما، رومان، پوۋېست ۋە باشقا ئەسەرلەرنى يازغان ئىدى.

بۇ ئەسەردە 30 - يىللار ۋەقەلىرى ئاساس قىلىنغان

" ئىستەك ۋە قىسمەت" ماۋزۇلۇق مەزكۇر ئەسلىمىدە زىيا سەمەدىنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30 - 40 - يىللىرىدا ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن مۇرەككەپ ھايات مۇساپىسى تەپسىلىي بايان قىلىنغان بولۇپ، زىيا سەمەدىنىڭ ئوغلى، تونۇلغان جۇرنالىست رىزا سەمەدى ئەپەندى دادىسىنىڭ مەزكۇر كىتابىنىڭ مەزمۇنلىرى ھەققىدە توختىلىپ، مەزكۇر ئەسەرنىڭ پاكىت ۋە ھۆججەتلەر ئاساسىدا يېزىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

زىيا سەمەدىنىڭ بۇ ئەسىرىدە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىدا يۈز بەرگەن مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابلار ۋە ئىلى قاتارلىق جايلاردا ئېلىپ بېرىلغان مەدەنىيەت - مائارىپ ئاقارتىش پائالىيەتلىرى ھەم كۆپلىگەن تارىخىي شەخسلەرنىڭ ئەھۋالى بايان قىلىنغاندىن سىرت يەنە 1944 - 1949 - يىلى غۇلجىدا پارتلىغان مىللىي ئازادلىق قوزغىلاڭلىرىغىمۇ ئورۇن بېرىلگەن.

زىيا سەمەدىنىڭ مەقسىتى 50 - يىللاردىكى ۋەقەلەرنى تەپسىلىي يورۇتۇش بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئەمەلگە ئاشمىغان

زىيا سەمەدى 40 - يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب تېمىسىنى ئاساسىي ماۋزۇ قىلغان "ئەخمەت ئەپەندى" رومانى ۋە " غېنى باتۇر" پوۋېستلىرىنىمۇ نەشىر قىلدۇرغان بولۇپ، رىزا ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئەخمەت ئەپەندى رومانى بىلەن ئىستەك ۋە قىسمەت ئەسلىمىسىدە ئۆزارا تولۇقلاشلار مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن زىيا سەمەدىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى 1949 - يىلىدىن تاكى 1960 - يىلى، ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ چىققىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆزى بىۋاسىتە شاھىد بولغان مۇرەككەپ سىياسىي ۋەقەلەر، يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرەشلىرى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۈرگۈزگەن سىياسىي ھەققىدە يېزىش ئىدى. بىراق، ئۆمرى يار بەرمەي، ئۇنىڭ بۇ مەقسىتى ئەمەلگە ئاشماي قالغان.

زىيا سەمەدى پۈتۈن ئىجادىيىتىنى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب تارىخىغا بېغىشلىغان يازغۇچى

زىيا سەمەدى 1914 - يىلى تۇغۇلغان، 2000 - يىلى ۋاپات بولغان. ئۇ، مەشھۇر ئەدىب بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە كۆپلىگەن ۋەقەلەرگە قاتناشقان ھەم ئۇنى بېشىدىن كەچۈرگەن شەخس ئىدى. زىيا سەمەدى 1938 - يىلى شېڭ شىسەي تۈرمىسىگە چۈشۈپ، 8 يىل تۈرمىدە ياتقان، 1944 - يىلى غۇلجىغا كەلگەندە مىللىي ئىنقىلاب پارتلاپ، كۈرەش سېپىغا ئاتلىنىپ، ئىلگىرى كېيىن پولكوۋنىك ئۇنۋانى بىلەن مىللىي ئارمىيىنىڭ رازۋېتكا بۆلۈمىنى باشقۇرغان ھەمدە بىرلەشمە ھۆكۈمەتكە قاتناشقان. ئۇ، 1949 - يىلىدىن 1958 - يىلىغىچە مەدەنىيەت نازىرى، يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىلىرىنى ئاتقۇرغان بولۇپ، 1958 - يىلى "يەرلىك مىللەتچى" دەپ ئەيىبلىنىپ، خىزمىتىدىن قالدۇرۇلغان.

1960 - يىلى قازاقىستانغا كېتىپ، ئۆمرىنى شۇ يەردە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن ئۆتكۈزگەن ئىدى. ئۇنىڭغا قازاقىستان ھۆكۈمىتى قازاقىستان خەلق يازغۇچىسى دېگەن ئەڭ ئالىي نام ۋە باشقا كۆپلىگەن ئىمتىيازلارنى بەرگەن ئىدى. زىيا سەمەدى پۈتۈن ئىجادىيىتىنى 19 - 20 - ئەسىردە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئېلىپ بارغان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىگە بېغىشلىغان يازغۇچى ئىدى. (ئۈمىدۋار)