ئۇيغۇر دېھقانلىرى مەجبۇرى ئۆرۈك تېرىپ زىيان تارتقانلىقىنى ئىنكاس قىلماقتا
2005.06.14
يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەلۇم بىر ناھىيىسىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئىستانسىمىزنىڭ ھەقسىز تېلېفون لىنىيىسىگە تېلېفون ئۇرۇپ، ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەجبۇرلىشى ئاستىدا ئۆرۈك تېرىپ، نەتىجىدە پىشقان ئۆرۈكلىرىنى ساتالماي زىيان تارتىۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلدى ۋە بىزنىڭ، ناھىيىلىك ھۆكۈمەتتىن بۇ ئىشنى سۈرۈشتە قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلدى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز ئەقىدە مەزكۇر ناھىيىگە تېلېفون ئۇرۇپ، يەرلىك خەلقتىن مەلۇمات ئىگىلەشكە تېرىشتى.
©
2005 Radio Free Asia