خىتاي، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا تۈرلۈك يوللار بىلەن زىيانكەشلىك قىلماقتا

0:00 / 0:00

چەتئەللەرگە چىقىپ سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغان ھەرقانداق بىر ئۇيغۇردىن، نېمە ئۈچۈن تۇغۇلغان ۋەتىنىنى ئاتا - ئانىسىنى ، ئۇرۇق - تۇققانلىرىنى ۋە ھەتتا بالا ‏- چاقىسىنى تاشلاپ يات ئەلگە چىقىپ ياشاشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى سورىسىڭىز، ئۇلارنىڭ ئىككىلەنمەستىنلا ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي بېسىمى تۈپەيلى، مۇشۇ يولنى تاللاشقا مەجبۇر بولغانلىقى ھەققىدىكى جاۋابغا ئېرىشىسىز.

تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە قارىغاندىمۇ، چەتئەلگە چىقىپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان، ئىشسىز قالدۇرۇش، ، مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى شۇنىڭدەك مىللىي كەمسىتىش قاتارلىق سىياسىي زىيانكەشلىكى سەۋەبىدىن چەتئەلگە چىقىپ ياشاشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

ئۇنداقتا ، بۇ ئۇيغۇرلار چەتئەللەرگە چىققاندىن كېيىن، خىتاينىڭ بېسىمىدىن قۇتۇلۇپ، ئەركىن - ئازادە ياشاش ئىمتىيازىغا ئېرىشەلىدىمۇ؟

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىنىڭ مەخسۇس پروگراممىسىدىن ئاڭلاڭ.