خىتاي ماللىرىنىڭ تۈركىيىگە كۆپلەپ كىرىشى تۈركىيە كارخانىچىلىرىنى بىئارام قىلماقتا


2004.10.13

تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردوۋەننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ 11 – ئايدا تۈركىيىدە زىيارەتتە بولماقچى ۋە بۇ جەرياندا تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق توختامنامىسى ئىمزالىماقچى.

"يېڭى ئاسىيا گېزىتى" دە ئېيتىلىشىچە، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىدىن بۇرۇن خىتاي ماللىرىنىڭ تۈركىيىگە ئېلىپ كېلىۋاتقان خەۋپلىرى ۋە تۈرك كارخانىچىلىرىنىڭ خىتاي ماللىرىغا بولغان راھەتسىزلىكلىرى باش مىنىستىرغا يەتكۈزىلىدىكەن. خىتاي ماللىرىنىڭ تۈركىيە بازارلىرىغا كۆپلەپ كىرىپ كېتىشى، ئۇزۇندىن بېرى تۈركىيە كارخانىچىلىرىنى بىئارام قىلىپ كەلمەكتە ئىدى.

ۋېن جياباۋنىڭ بۇ قېتىملىق ساياھىتىدە بۇنىڭدىن باشقا نىمىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلىشى مۇمكىن؟

بۇنىڭ تەپسىلاتىنى تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.