ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئەزالىرى ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتتە بولماقچى


2005.08.12
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى 19 - ئاۋغۇستتىن 21 - ئاۋغۇستقىچە ئۈرۈمچى ۋە قەشقەرلەردە زىيارەتتە بولىدۇ. مەزكۇر كومىتېتنىڭ ۋەكىللىرى زىيارەت ھارپىسىدا، مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلاردىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئالدىن مەلۇمات ئالدى.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى ئىگىلەش ئۈچۈن، مۇخبىرىمىز ئەقىدە مەزكۇر كومىتېت ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى نۇري تۈركەل ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت