زۇنۇن قادىرنىڭ تەرجىمىھالى ۋە ئەسەرلىرى ئېنگلىز تىلىدا ئېلان قىلىندى

0:00 / 0:00
zunun-qadir.jpg
ئاتاغلىق دىراماتۇرگ، يازغۇچى زۇنۇن قادىر

ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدا نۇرغۇن نادىر يازغۇچىلار ھەمدە ئەسەرلەر بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ ئەمما، ئۇلارنىڭ دۇنيا ئەدەبىياتىدىن ئورۇن ئېلىشى، تەرجىمە ئىشلىرىنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقى ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى تولىمۇ چەكلىك ئىدى.

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئاساس سالغۇچىلىرىدىن بىرى، شۇنداقلا ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىلى، ئاتاغلىق ئۇيغۇر دىراماتۇرگ، يازغۇچى زۇنۇن قادىرىنىڭ ھاياتى ھەمدە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى، 2001 - يىلى ئاۋسترالىيىدە ياشاۋاتقان ئەدەبىيات پەنلىرى دوكتورى دىلبەر خانىم تەرىپىدىن دوكتورلۇق دېسسىرتاتسىيىسى سۈپىتىدە، ئاۋسترالىيىدە ئېنگلىز تىلىدا "خىتاي بېسىمى ئاستىدىكى يازغۇچى زۇنۇن قادىرى ھەمدە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى كىنايە" ناملىق ئىككى توملۇق كىتاب قىلىپ تەييارلىنىپ، يېقىندا ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئونىۋېرسىتېتىغا قويۇلدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە زۇنۇن قادىرنىڭ تەرجىمىھالى ۋە ئەسەرلىرى ئېنگلىز تىلىدا ئېلان قىلىپ تەييارلىغان دوكتور دىلبەر خانىمنى زىيارەت قىلدى.