3-نۆۋەتلىك «مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» ئاخىرلاشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2019.10.08
akademiye-kurs.jpg ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى 3-نۆۋەتلىك «مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» نى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا دىپلوم تارقاتتى. 2019-يىلى 6-ئۆكتەبىر، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

3-نۆۋەتلىك «مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ئېچىلدى. مەركىزى ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىككى كۈن داۋاملاشقان كۇرسقا تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ماگىستىرلىق، دوكتورلۇق ۋە تولۇق كۇرستا ئوقۇۋاتقان 17 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى قاتناشقان بولۇپ، بۇلارغا مىللىي مەپكۇرە، تەشكىلاتچىلىق ۋە باشقا بەزى تېمىلاردا لېكسىيە سۆزلەنگەن. مەزكۇر لېكسىيە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۇ تېمىلار بويىچە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان. 5-6-ئۆكتەبىر كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلگەن مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق ماۋزۇلۇق كۇرس ئاخىرلاشقاندىن كېيىن كۇرس ئەھلىگە دىپلوم تارقىتىپ بېرىلگەن. كۇرستا ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى «مىللىي مەپكۇرە توغرىسىدا»، ئىستانبۇلدىكى ئارەل ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى شەۋكەت ناسىر ئەپەندى «خىتاينىڭ تەشۋىقات سىياسىتى توغرىسىدا»، مۇستەقىل تەتقىقاتچى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى «خىتاينىڭ ھەقىقىي ئىچ يۈزىنى تونۇشنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىكى ئەھمىيىتى»، ئابلىمىت قاراخان ئەپەندى «تەشكىلات ۋە تەشكىلاتچىلىق» بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى مەغپىرەت كامال خانىم «تۈركىيە ۋە تۈركلەرنى تونۇش» تېمىلىرىدا دوكلات بەردى. بىز كۇرس ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن كۇرسنى ئۇيۇشتۇرغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، ئىجرائىيە رەئىسى ئابلىمىت قاراخان ئەپەندى ۋە بەزى كۇرس ئەھلى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

ئابلىمىت قاراخان ئەپەندى مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسىنى ئېچىشتىكى مەقسەت ۋە مۇزاكىرە بېرىلگەن لېكسىيەلەر ۋە مۇزاكىرە قىلىنغان تېمىلار توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن 3-قېتىم بۇنداق بىر كۇرس ئۆتكۈزگەنلىكىنى، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ياشلارنىڭ ئۆزئارا تونۇشۇشى، ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە مەپكۇرە بىرلىكى پەيدا قىلىشى ئۈچۈن پايدىلىق بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئابلىمىت قاراخان ئەپەندى بۇرۇن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ پائالىيەتلەرگە قاتناشمايدىغانلىقىنى، كېيىنكى يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئېغىرلىشىشىغا، بۇ خىل كۇرسلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ دەۋاغا ئاكتىپ قاتنىشىشقا باشلىغانلىقىنى بايان قىلدى. كۇرسقا قاتناشقان ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىسى توختى نىياز ئەپەندى كۇرسنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىق بولغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى 2019-يىلى 4-ۋە 7-ئايلاردا ئىككى قېتىم «مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق تېمىسىدا كۇرس ئېچىپ جەمئىي 41 ياشنى تەربىيەلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.