تەتقىقاتچى مۇراتا: ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋىي پەداز بۇيۇملىرى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلۇق
2013.12.05
kitabning-muqawisi12.5-305.png تەتقىقاتچى مۇراتا: ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋىي پەداز بۇيۇملىرى
Photo: RFA


ئۇيغۇر خەلقى تارىختىن بۇيان رەڭدار تۇرمۇش ئادەتلىرىگە ئىگە. ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن گۈزەللىكنى سۆيىدىغان، ئاسرايدىغان ۋە ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىدىغان خەلق. جۈملىدىن ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىمۇ ئۆزىنىڭ تەبىئىي گۈزەللىكىنى سۆيۈش بىلەن بىرگە ئۆزىدىكى بۇ گۈزەللىكلەرنى ئاسراش، ساقلاش يۈزىسىدىن ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىدە ئۇزۇندىن بۇيان تۈرلۈك تەبىئىي پەداز بۇيۇملىرىنى قوللىنىپ كەلمەكتە.

يېقىندىن بۇيان ياپونىيىدە ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىنىڭ پەداز بۇيۇملىرىغا ئائىت كۆپلىگەن تەتقىقات ماقالىلىرى ئېلان قىلىنماقتا.

ياپونىيە نارا قىزلار ئۇنىۋېرسىتېتىنى مەركەز قىلغان ھالدا تەشكىللەنگەن «يىپەك يولىدىكى ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرى» تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پۈتكۈل رايونلىرىدا دېگۈدەك ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىغا ئائىت كۆپ تەرەپلىمىلىك تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارماقتا. مانا شۇ تەتقىقاتچىلاردىن بىر بولغان كىيىم - كېچەك، گۈزەل - سەنئەت لايىھەلەش تەتقىقاتچىسى مۇراتا ماسايو ياپونىيىدە نەشر قىلىنغان «يىپەك يولىدىكى ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىنىڭ تۇرمۇش ئۆرپ - ئادەتلىرى» ناملىق كىتابنىڭ تۆتىنچى بابىدا ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىنىڭ پەداز بۇيۇملىرى توغرىسىدا ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىپ يېلىم، ئوسما، خېنە قاتارلىق تەبىئىي ھۆسۈن تۈزەش پەداز بۇيۇملىرى توغرىسىدا توختالغان.

تەتقىقاتچى مۇراتا ماسايو ماقالىسىنىڭ باشلىنىشىدا ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىنىڭ ئۇزۇن چاچلىرى، چاچ شەكلى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇلارنىڭ ياش قورامىغا قاراپ چاچ شەكلىنى تالايدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىدا كۆپىنچە ئۇزۇن چاچنىڭ ئومۇملاشقانلىقىنى، ھازىرقى خىزمەت ۋە ئوقۇتۇشتىكى ئالدىراشلىق سەۋەبىدىن بەزى قىزلارنىڭ چاچ شەكلىنىڭ ئۆزگىچە قىسقا شەكىللەرگە ئۆزگەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمال، جەنۇب قاتارلىق تەرەپلىرىدىكى ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىنىڭ ئۆزگىچە بولغان يەرلىك شەكىلدىمۇ چاچ شەكلىنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مۇراتا ماسايو ماقالىسىدە ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىنىڭ كىيىم شەكلىگە قاراپ چاچ شەكلىنى بەلگىلەيدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى نەتىجىسىدە ھازىر خانىم - قىزلار ساتىراچخانىسىنىڭمۇ بارلىققا كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، ئوخشىمىغان چاچ شەكىللىرىنىڭ باھاسىنىڭمۇ بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

تەتقىقاتچى مۇراتو ماسايو ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىنىڭ چاچلىرى ھەققىدە توختالغاندا شىمال، جەنۇب تەرەپلەردە بولسۇن،40 ياشتىن يۇقىرى بولغان خانىم - قىزلاردا يەنىلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنۋىي ئۇزۇن چاچ قويۇش شەكلىنىڭ ساقلىنىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر خانىم - قىزلارنىڭ چاچنى ئاسىراش ئۈچۈن دائىم جىگدە يېلىمى ئىشلىتىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

مۇراتو ماقالىسىدە ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىنىڭ يارىشىملىق ئۆرۈلگەن ئۇزۇن چاچلىرىغا بەزىدە گۈل قىستۇرۇۋالىدىغان ئادەتلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.

تەتقىقاتچى مۇراتو ماسايو ماقالىسىنىڭ كېيىنكى قىسمىدا ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىنىڭ قاش - كىرپىكلىرىنى ئاسىراش، قاشنى ياخشى ئۆستۈرۈش بۇيۇملىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان تەبىئىي ئۆسۈملۈك بولغان ئوسمىنىڭ ئادەتتە ھەممە ئائىللەردە باغ، ھويلا - ئاراملارغا تېرىلىدىغانلىقىنى، ئوسمىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنىڭ 20 سانتىمېتىر كېلىدىغانلىقى، ئوسما يوپۇرمىقىنىڭ سۇ تەركىبى كۆپ بولۇپ، ئۇنى قولنىڭ ئالقىنىغا ئېلىپ سىققاندا كۆك رەڭلىك سۇ چىقىدىغانلىقىنى، بۇنى خانىم - قىزلار قاش - كىرپىكلىرىگە سۈركەپ،«ئوسما قويۇش» ئادىتىنى يېتىلدۈرگەنلىكىنى بايان قىلغان.

تەتقىقاتچى مۇراتا ماسايو ئوسمىنىڭ، ھەتتا كىچىك قىزلارنىڭمۇ لاتاپەتلىك ئۆسۈشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قاش - كىرپىكلىرىگىمۇ سۈركەپ قويۇلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇ،ماقالىسىدە يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئادەتتە ئوسمىنى يالغۇز قاش - كىرپىكلەرگىلا سۈركەپلە قالماستىن، ئوسما سۇيىنى كىچىك باللارنىڭ چاچلىرىغىمۇ چاچىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىكى مەقسەت «چاچنىڭ كۆپلەپ ئۆسۈشىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى كۆزلىگەنلىكى» دەپ بايان قىلغان.

تەتقىقاتچى مۇراتا ماسايو ماقالىسىنىڭ ئاخىرىسىدا، ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىنىڭ پەداز قىلىش ئادەتلىرىدىن بىر بولغان خېنە قويۇش ئادىتى ھەققىدە توختىلىپ « خېنە سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر ئائىلىسىگە تەۋە گۈلنىڭ بىر تۈرى، ئۇنىڭ غولىنىڭ رەڭگى قىزغۇچ ھەم سۇلۇق، گۈلى ئانار چېچىكى رەڭگىدە بولۇپ، ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرى ئۇنى ئېزىپ پۇت، قولىنىڭ ئالقانلىرى، تىرناقلىرىغا تېڭىپ قىزارتىۋالىدۇ. بۇ ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىنىڭ خىنە قويۇش ئادىتى دەپ ئاتىلىدۇ» دەپ تەرىپلىگەن.

ئۇ يەنە، خېنە قويۇش ئادىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مەلۇم ئىلمىي ئاساسى بارلىقى ھەققىدە توختىلىپ:«ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىنىڭ خېنە قويۇشى زەھەر قايتۇرۇش، سۆڭەكنى چېڭىتىش ۋە تىرناقنى گۈزەللەشتۈرۈش ئۈچۈندۇر» دەپ بايان قىلغان.

تەتقىقاتچى مۇراتا ماسايو ماقالىسىدە، ھازىرقى زاماندىكى زامانىۋىي پەداز بۇيۇملىرىنىڭ كۆپلەپ بارلىققا كېلىشى بىلەن، ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋىي پەداز بۇيۇملىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەرەققىي قىلغان شەھەرلەردە بارا - بارا ئەمەلدىن قېلىۋاتقانلىقىنىمۇ ئەسكەرتكەن.

ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر سىساسىي ئاكتىپلىرىدىن بىرى بولغان گۈلىستان خانىم ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىنىڭ پەداز بۇيۇملىرى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئوتتى.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.