تەيۋەندە «تەيۋەن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» قۇرۇلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2019.09.05
Taywan-Sherqi-Turkistan-Jemiyiti-2019.jpg تەيۋەندە «تەيۋەن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» قۇرۇلدى. 2019-يىلى 4-سېنتەبىر.تەيبېي، تەيۋەن.
Social Media

رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشى كۈچىيىپ، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ خەلقئارا تاراتقۇلاردا قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىشى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلات-پائالىيەتچىلىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى داۋاملىق ئاڭلىتىشى نەتىجىسىدە، يېقىنقى بىرقانچە يىلدا تەيۋەندىمۇ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى يېقىندىن قوللايدىغان پائالىيەتچىلەر بارغانچە كۆپىيىشكە باشلىغان. بۇندىن بىرقانچە يىل ئىلگىرى، ئۇيغۇرلارنى قوللىغۇچى ئوبزورچى لىن باۋخۇا ئەپەندى قاتارلىقلارنىڭ تەشەببۇسىدا «تەيۋەن ئۇيغۇر دوستلۇق جەمئىيىتى» قۇرۇلغانىدى. بۇ يىل، 1-سېنتەبىر كۈنى يەنە بىر تۈركۈم تەيۋەنلىك پائالىيەتچىلەر «تەيۋەن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. دىققىتىڭلار مۇخبىرىمىز مېھرىبان تەييارلىغان «تەيۋەن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» ۋە ئۇنىڭ پائالىيەت مەقسەتلىرى ھەققىدىكى پروگراممىدا بولسۇن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى رادىئومىزغا مەلۇمات بېرىپ، تەيۋەندە «تەيۋەن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» قۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىنىڭ بايانىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر تەشكىلاتنى قۇرغۇچىلار يېقىنقى يىللاردا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى يېقىندىن قوللاپ كەلگەن بىر تۈركۈم تەيۋەنلىك پائالىيەتچىلەر بولۇپ، ئۇلار 2019-يىلى 2-ئاي مەزگىلىدە تەشكىلات قۇرۇش تەلىپىنى تەيۋەن ھۆكۈمىتىگە ئىلتىماس قىلغان. بۇ يىل 4-ئاي مەزگىلىدە ئۇلارغا 6 ئاي ئىچىدە تەشكىلات قۇرسا بولىدىغانلىقى ھەققىدە تەستىق چۈشكەن. 1-سېنتەبىر كۈنى 20 دىن ئارتۇق ھەيئەتنىڭ قاتنىشىشى بىلەن تەيبېي شەھىرىدە قۇرۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن.

ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى ئادۋوكات خې چاۋدوڭ ئەپەندى ۋە جۇ مېيلى خانىملار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەيۋەندىكى پائالىيەتلىرىنى يېقىندىن قوللاپ كەلگەن پائالىيەتچىلەردىن ئىكەن. 

4-سېنتەبىر كۈنى خې چاۋدوڭ ئەپەندى ۋە جۇ مېيلى خانىملارمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «تەيۋەن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» نىڭ قۇرۇلۇشى ۋە قۇرۇلۇش مەقسىتى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.

خې چاۋدوڭ ئەپەندى تەشكىلاتنىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى. «بىز تەيۋەننىڭ قانۇنى بويىچە ئىلتىماس قىلدۇق، 4-ئايدا ئىلتىماسىمىز تەستىقلانغان ئۇقتۇرۇش چۈشتى. تەشكىلاتىمىزنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى تور بېكىتىمىزدە 3 مەزمۇنغا يىغىنچاقلىنىپ ئېلان قىلىندى. 1-مەقسىتىمىز، تەيۋەندە ئادەتتىكى كىشىلەر پەقەت، شىنجاڭ دېگەندە، بۇ ئاتالغۇنىڭ ئەسلىدە شەرقىي تۈركىستان دېگەن جاي ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. شۇڭا بىز 1-قەدەمدە تەيۋەندىكى ئاۋامغا بۇ جاينىڭ ئەسلى نامىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلدۇق. 2-مەقسىتىمىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي ئاسسىمىلياتسىيەدىن ئىبارەت بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتىنى ئەيىبلەش؛ 3-مەقسىتىمىز بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىزنى مۇناسىۋەتلىك سىياسەت بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىپ، ئۇيغۇرلارغا ئەمەلىي ياردەم بېرىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش.»

خې چاۋدوڭ ئەپەندى «تەشكىلاتنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى ئارىسىدا ئۇيغۇرلار بارمۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، ھازىرچە تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ يەرلىك تەيۋەنلىكلەردىن تەركىب تاپقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا نەشرىيات، ئاخبارات ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىكى ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىنىڭ بايانىدىن مەلۇم بولۇشىچە، «تەيۋەن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» نىڭ ئىجرائىيە ھەيئەت رەئىسى بولغان جۇ مېيلى خانىم ئەسلى ئاكتىپ تىبەت پائالىيەتچىسى بولۇپ، يېقىنقى يىللاردا تەيۋەندە ئۇيغۇرلار ھەرىكىتىنى قوللاشتا ئاكتىپلىق بىلەن كۆپ خىزمەتلەرنى قىلغۇچىلارنىڭ بىرى ئىكەن.

جۇ مېيلى خانىم ئۇلارنىڭ تەشكىلاتىغا نېمە ئۈچۈن «تەيۋەن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى» دېگەن نامنى قوللانغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە بۇ ئىسىمنى قوللىنىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيىتى بار. چۈنكى تەيۋەنلىكلەر مۇھىم تېماتىك مەسىلىلەرگە تولىمۇ دىققەت قىلىدۇ. شۇڭا بىز ئۇيغۇر دوستلىرىمىزغا يۈزلەنگەندە خىتاي قوللىنىپ كېلىۋاتقان شىنجاڭ دېگەن ئاتالغۇنى قوبۇل قىلىشنى خالىمىدۇق. بىزنىڭ قارىشىمىزچە، ئۇيغۇر سۆزى پەقەت بىر مىللەتنىڭ نامىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ بىر دۆلەت ياكى رايونغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. شۇڭا بىز شەرقىي تۈركىستان ئاتالغۇسىنى ئىشلەتتۇق. بۇ سۆز ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىننى ئىپادىلەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايمەن. بۇ ئاتالغۇنى ئىشلىتىش يەنە تەيۋەنلىكلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىدە خىتايلارنىڭ مەيدانىدا ئەمەس بەلكى ئۇيغۇرلار مەيدانىدا تۇرۇپ مەسىلىگە قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.»

خې چاۋدوڭ ئەپەندى بولسا، «شەرقىي تۈركىستان» نامىنى ئىشلىتىشتە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل دۆلىتى بارلىقىنى تەيۋەنلىكلەرگە بىلدۈرۈش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق جاۋاب بەردى: «بىزنىڭ تولۇق ئىسمىمىز تەيۋەن شەرقىي تۈركىستان بىرلەشمە جەمئىيىتى، چۈنكى ئۇيغۇر مەسىلىسى بۇلتۇردىن باشلاپ تېخىمۇ ئېغىرلاشتى. خەلقئارادا بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرمۇ كۆپ بېرىلدى. تەيۋەنگە نىسبەتەن ئېيتقاندا تەيۋەندە تىبەتلەر مەسىلىسى ئۈزلۈكسىز دىققەت نۇقتىسى بولۇپ كەلگەن. چۈنكى كۆپ سانلىقلار بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان تەيۋەنلىكلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، دالاي لامادەك بىر زاتنىڭ تەسىرى تولىمۇ كۈچلۈك. سېلىشتۇرۇپ ئېيتقىنىمىزدا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زىيانكەشلىك ئەھۋالىنى تەيۋەنلىكلەر تىبەتلىكلەرنى بىلگەنچىلىك بىلمەيدۇ. نۇرغۇنلىغان تەيۋەنلىكلەر ھەتتا ئاتالمىش شىنجاڭنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىكەنلىكىنى زادىلا بىلمەيدۇ. مانا بۇ مەسىلە بىزگە ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇق قىممىتىنى تەكىتلىگۈچىلەرنىڭ بىر جايغا يىغىلىپ مۇشۇنداق بىر جەمئىيەت قۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتى ئىكەنلىكى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلگىرى مۇستەقىل دۆلەت قۇرغانلىقىدىن ئىبارەت ئەقەللىي تارىخىي ساۋاتنى تەيۋەنلىكلەرگە بىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلدۇق. چۈنكى سىزدە مەلۇم مەسىلىگە قارىتا ھەقىقىي بىر تونۇش بولغىنىدىلا ئاندىن سىز بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلەلەيسىز. ياردەم بېرەلەيسىز».

خې چاۋدوڭ ئەپەندى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، تەيۋەنلىكلەرنىڭمۇ ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش مۇستەملىكىلىك قىسمەتنى باشتىن كەچۈرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى. «مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم تەيۋەن 1945-يىلى ئاتالمىش جۇڭخۇا مىنگو تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغاندىن ھازىرغا قەدەر 70 نەچچە يىللىق مۇساپىنى باشتىن كەچۈردى. ئىلگىرى 38 يىللىق مۇستەبىت ھاكىمىيەت ئاستىدا بولدى. تەيۋەنلىكلەر ›ئاق تېررورلۇق‹ ئاستىدىكى قىرغىنچىلىققا ئۇچرىدى. كىشىلىك ھوقۇقىمىز دەپسەندە قىلىنغان قىسمەتلەرگە ئۇچرىدى. شۇڭا بىزدە مەيلى تىبەتلەر بولسۇن، مەيلى ئۇيغۇرلار بولسۇن ئۇلار ئۇچراۋاتقان زىيانكەشلىكلەرگە ھېسداشلىق تۇيغۇسى كۈچلۈك. شۇڭا بىز كىشىلىك ھوقۇق نۇقتىسىدىن ئۇلارنىڭ ئەركىن ياشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. چۈنكى، بىز تەيۋەنلىكلەرمۇ مۇستەملىكىلىك ھاياتتىن يېقىنقى يىللاردا قۇتۇلدۇق. بىرئاز ئەركىن نەپەس ئالدۇق. شۇڭا بىز ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلىمىز ۋە ياردەمدە بولىمىز. بىزنىڭ ئورتاق دۈشمىنىمىز خىتاي دۆلىتى. خىتاي دۆلىتى مەيلى تىبەت بولسۇن، ئۇيغۇر بولسۇن ياكى تەيۋەن بولسۇن بۇ زېمىنلارنى ئۆزىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى دەپ قاراپ كەلدى. بۇ تولىمۇ بىمەنىلىك! بۇ خىل قاراشنى بىز قوبۇل قىلىشقا ئامالسىز. بۇنداق ئەھۋالدا ئەلۋەتتە بىز زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان خەلقلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرىمىز. ئۇيغۇرلارنىڭ ئېگىرى مۇستەقىل دۆلىتى بولغان، ئۇلارنىڭ ئاخىرقى مەقسىتىمۇ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىش. تىبەتلەرمۇ ئوخشاش. يېقىندا خوڭكوڭدا بولۇۋاتقان ئەھۋالمۇ بىر دۆلەت ئىككى خىل تۈزۈم دېگەننىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى. ئاتالمىش ئالىي ئاپتونومىيەنىڭمۇ يالغانچىلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. پەقەت ئۆزىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتى بولغاندىلا داۋاملىق باستۇرۇلۇشقا ئۇچراشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.»

تەشكىلاتنىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتى بولغان جۇ مېيلى خانىم يەنە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ يېقىنقى پىلان پائالىيەتلىرى ھەققىدىمۇ توختالدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بۇ يىل 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۇلار تەيۋەندە ئۇيغۇرلارغا ئائىت رەسىم كۆرگەزمىسى ئۇيۇشتۇرۇشنى پىلانلىغان بولۇپ، پائالىيەتكە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى قاتارلىق تەشكىلاتلار ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى تەكلىپ قىلىنىپ، تەيۋەنلىكلەرگە ئۇيغۇرلار يۈزلىنىۋاتقان پاجىئەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئاڭلىتىدىكەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.