بۈگۈن 10 - دېكابىر دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى ھەم بۈگۈن شىۋېتسىيە خان جەمەتى پەنلەر ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرگە ھەشەمەتلىك مۇراسىم ئۇيۇشتۇرۇپ نوبېل مۇكاپاتى تارقىتىپ بېرىلىدىغان كۈن.
2008-09-17
خىتاي، 14 - مارت لاسا ۋەقەسىدىن كېيىن، تىبەتتىكى خىتاي كۆچمەنلىرىگە بىخەتەرلىك ۋەدىسى بەرمەكتە. مەزكۇر ۋەقەدە خىتاي ئاھالىلىرى، دۇكانلىرى ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى بولغان ئىدى.
2008-09-13
تىبەتلەرنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي داھىسى دالاي لاما كېلەر ئاي گېرمانىيە ۋە شىۋىتسارىيىگە قىلماقچى بولغان زىيارىتىنى بىكار قىلغان. شەنبە كۈنى ھىندىستاننىڭ دارامسالا شەھىرىدىكى دالاي لامانىڭ ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بىر باياناتتا بىلدۈرۈلىشىچە، دالاي لاما گېرمانىيىگە ۋە شىۋىتسارىيىگە قىلماقچى بولغان زىيارەتلىرىنى تەن - سالامەتلىك مەسىلىسى تۈپەيلىدىن بىكار قىلغان.
2008-09-12
تىبەت روھانى داھىسى دالاي لاما جۈمە كۈنى سۈرگۈندىكى تىبەت تەشكىلاتلىرىنى 11 - ياكى 12 - ئايدا ھىندىستاننىڭ دارامسالا شەھىرىگە يىغىلىپ، تىبەتنىڭ كېلەچىكى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى.
2008-09-07
9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تىبەتنىڭ سۈرگۈندىكى دىنىي داھىيسى دالاي لامانىڭ چوڭ ئاكىسى تۇپتېن جىگمې نوربۇ 86 يېشىدا ئامېرىكىنىڭ ئىندىئانا شىتاتىدا ۋاپات بولغان.
2008-09-01
ھىندىستاننىڭ مۇمباي شەھىرىدە داۋالىنىۋاتقان تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن دوختۇرخانىدىن چىققان. مەلۇم بولۇشىچە، دالاي لاما قورساق ئاغرىقى ۋە روھسىزلىق ئالامەتلىرى بىلەن ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى ھىندىستاننىڭ مۇمباي شەھەرلىك دوختۇرخانىسىدا ياتاققا ئېلىنغان ئىدى.
2008-08-30
تىبەتلەرنىڭ دىنىي ۋە سىياسى داھىسى دالاي لاما نىڭ تەن سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى ۋە يەكشەنبە كۈنى دوختۇرخانىدىن چىقىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
2008-08-28
تىبەتنىڭ دىنىي داھىيسى دالاي لاما، سالامەتلىكىنىڭ يار بەرمەسلىكى تۈپەيلى پىلان قىلىنغان زىيارەت سەپەرلىرىنى بىكار قىلدى.
2008-08-25
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى بۈگۈن تىبەتتە ھەربىي قامال داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاي قوراللىق قىسىملىرى بۇتخانا ئەتراپلىرىنى، تۈرلۈك جامائەت سورۇنلىرىنى ۋە يول دوقمۇشلىرىنى ئىزچىل تۈردە نازارەت ئاستىدا تۇتماقتا.
2008-08-24
بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى بولۇۋاتقاندا نېپالدىكى تىبەتلەردىن خېلى كۆپ ساندىكى كىشىلەر پايتەخت كاتماندۇدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن.
2008-08-23
تىبەتلەرنىڭ دىنىي ۋە سىياسى داھىسى دالاي لاما، فرانسىيىگە قاراتقان 12 كۈنلۈك زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، شەنبە كۈنى ھىندىستانغا قاراپ يولغا چىقتى.
2008-08-22
تىبەت روھانى داھىسى دالاي لاما جۈمە كۈنى فرانسىيە پرېزىدېنتىنىڭ خانىمى كارلا ساركوزىي ۋە فرانسىيە تاشقى ئىشلارمىنىستىرى بېرنارد كوچىنېرلار بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاينى دېموكراتىيە يولىدا ئىلگىرىلەشكە چاقىردى.
2008-08-20
فرانسىيىدە شەھەر باشلىقىنىڭ كۈتىۋېلىشىغا ئېرىشكەن دالاي لاما، پەيشەنبە كۈنى فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بەرنارد كۇشنەر بىلەن ئۇچراشماقچى.
2008-08-19
فرانسىيە ئاخباراتى دۈشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە، فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن پرېزىدېنت خانىمىنىڭ دالاي لامانى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.