خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەت بۇتخانىسىنى رېمونت قىلماقچى


2005-12-23
Share

خىتاي مەتبۇئاتىدا چىققان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تىبەتنىڭ مۇھىم بۇتخانىلىرىدىن بىرى بولغان بەنچەن لامانىڭ سارىيى رېمونت قىلىنىدىكەن. 600 يىللىق تارىخقا ئىگەن ۋە ساڭسۇ سېزوڭ سارىيى دەوپ ئاتالغان مەزكۇر بۇتخانا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى رېمونت قىلىنمىغان.

فرانىسيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تىبەتنىڭ پايتەختى لاسادىن 250 كىلومېتىر يىراققا جايلاشقان خىگازە شەھىرىدىكى مەزكۇر بۇتخانىنىڭ ئۆرۈلۈپ كېتىش ئېھتماللىقى بار ئىكەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شاڭخەي شەھىرى ساڭسۇ سېزوڭ بۇتخانىسىنىڭ رېمونت چىقىملىرىنى ئۆز ئۈستىگەن ئالغان. 7 ‏- ئەسىردە سىلىنغان لاسادىكى پوتالا سارىيىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ساڭسۇ سېزوڭ سارىينىڭ رېمونت ئىشلىرىغا 40 مىليون سوم پۇل كېتىدىكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تىبەتتە چوڭ مەبلەغلەر سېلىپ بۇتخانىلارنى رېمونت قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى، بۇ يىل يازدا خىتاي ، ئۇيغۇر ئېىلى ۋە تىبەتتە زىيارەتتە بولغان ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئەزالىرىغا، 1996 يىلىدىن بېرى ئۇيغۇر ئېىلىدە مەسچىت سىلىشقا ۋەياكى كونىراپ كەتكەن مەسچىتلەرنى رېمونىت قىلىشقا قەتئى رۇخسەت بېرىلمىگەنلىكىنى ئوچۇق- ئاشكارا بايان قىلغان.(قانات)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت