دالاي لاما ئامېرىكىدا "تىنچلىق ۋە مېھرى شەپقەت" ھەققىدە نۇتۇق سۆزلىدى
2005.11.14
تىبەتنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي داھىيسى دالاي لاما، ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇش داۋامىدا "يەر شارى تىنچلىقى ۋە مېھرى - شەپقەت" دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلىدى.
13 - نويابىر كۈنى ۋاشىنگتون شەھىرىدە 16 مىڭ كىشىگە نۇتۇق سۆزلىگەن دالاي لاما، دۇنيا تىنچلىقى، مېھرى - مۇھەببەت ، نەپرەت، دىنىي ئېتىقاد قاتارلىق مەسىلىلەر، بولۇپمۇ دۇنيا ئەللىرى نۆۋەتتە ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان يادرو قوراللىرى مەسىلىسى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئۈستىدە ئالاھىدە توختالدى.
دالاي لامانىڭ نۇتۇق مۇراسىمىغا ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى، مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم قاتناشتى. ئۇ دالاي لاماغا ئۇيغۇرچە بەقەسەم تون بىلەن دوپپا كىيدۈردى. دالاي لامامۇ رابىيە خانىمغا تىبەتلىكلەرنىڭ ئەڭ ھۆرمەتلىك كىشىلەرگە سوغا قىلىدىغان ئاق رەختتىن تىكىلگەن خادىسىنى تەقدىم قىلدى.
دالاي لاما نۇتقىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئالاھىدە توختۇلۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمان، ئاق كۆڭۈل خەلق بولغانلىقىنى ۋە تىبەتلىكلەر بىلەن تەقدىرداش ئىكەنلىكىنى شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلىكلەر ئوتتۇرىسىدا چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- جورج بۇش دالاي لامانى ئاق سارايدا كۈتۈۋالدى
- دالاي لاما: خىتايلار تىبەتنى ئىنتايىن ئېغىر بېسىم بىلەن ئىدارە قىلماقتا
- تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىدۇ
- دالاي لاما ئامېرىكا زىيارىتىدە پرېزىدېنت بۇش بىلەن كۆرۈشۈشى مۇمكىن
- دالاي لاما تىبەتتىكى تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىدىن ئەندىشە قىلماقتا