تىبەتنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لاما قالماقىستانغا قىلغان زىيارىتىنى باشلىدى


2004.11.29

ئۇزۇندىن بۇيان تىبەتنىڭ دىنىي داھىيسى دالاي لامانى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقان رۇسىيىنىڭ قالماقىستان رايونىدىكى خەلقلەر دۈشەنبە كۈنى ئۇنى تەنتەنە ئىچىدە كۈتۈۋالدى.

قالماقىستان جۇمھۇرىيىتىدىكى ئاھالىلەرنىڭ كۆپىنچىسى موڭغۇللار بولۇپ، ئۇلارمۇ تىبەتنىڭ لاما دىنى ئاساسىدىكى بۇددا دىنىغا ئېتىقات قىلىدۇ.

كۈتىۋىلىش تەييارلىقى

dalailam.jpg
تىبەتنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لاما

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ دۈشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، قالماقىستاننىڭ مەركىزى ئېلىستادىكى دىنىي جەمئىيەتلەر دالاي لامانىڭ زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن پۈتۈن ئاھالىلەردىن ھاراق- تاماكىغا يېقىن يولىماسلىقنى تەلەپ قىلغان ھەمدە ئېلىستادىكى بارلىق قىمارخانىلارنى تاقاتقۇزغان. بۇنىڭدىن سىرت، يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يەنە دالاي لاما چۈشىدىغان جايلاردىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، دالاي لامانىڭ رۇسىيىدىكى زىيارىتى ئۈچ كۈن داۋام قىلىدۇ. دالاي لامانىڭ ئالدىنقى قېتىم قالماقىستاننى زىيارەت قىلغان ۋاقتى 1992 - يىلى بولۇپ، شۇندىن بېرى، رۇسىيە ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يامانلىشىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، دالاي لاماغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلىپ كەلگەن ئىدى.

دالاي لاما ۋە رۇسىيە خىتاي مۇناسىۋىتى

ئامېرىكىنىڭ نيو-يورك شتاتىدىكى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسى گۇ ۋېيچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزەلدىن دالاي لامانىڭ رۇسىيىنى زىيارەت قىلىشىغا قارشى تۇرۇپ، كۆپ قېتىم دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق، دالاي لامانىڭ رۇسىيىگە بېرىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئانالىز قىلىشىچە، بۇ قېتىم رۇسىيىنىڭ دالاي لاماغا ۋىزا بېرىشى، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتىدە زىل بىر ئۆزگىرىشنىڭ بارلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى:

"دۇنيادا نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرە بولىشى بىلەن، رۇسىيە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نېفىت بايلىقلىرىنى ئېكىسپورت قىلىپ، خېلى كۆپ بايلىق توپلىدى. بۇنىڭ بىلەن دىپلوماتىيىدە ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ئۆزىگە تېخىمۇ ئىشىنىدىغان بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، رۇسىيە خىتاي چېگرىسىنىڭ شەرقىدىكى تالاش تارتىشتىكى رايونلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسمۇ ھەل بولدى. يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاي رۇسىيىدىن زور مىقداردا قورال سېتىۋالىدۇ ھەمدە خىتاينىڭ قورال ئىھتىياجى بارغانسىرى ئېشىۋاتىدۇ. رۇسىيە نۆۋەتتە پايدا-مەنپەئەتنى دەڭسەپ، دالاي لاماغا ۋىزا بېرىشنىڭ خىتاي- رۇسىيە مۇناسىۋىتىگە ئانچە تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن بولىشى مۇمكىن".

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دالاي لاماغا بولغان قارىشى

بۇ يىل ئالتىنچى ئايدا، تىبەت ئاپتونۇم رايونىنىڭ رەئىسى قالماقىستان جۇمھۇرىيىتىنى زىيارەت قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە زىيارەتتە بولغان خىتاينىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ليۇ گۇچاڭ يەرلىك مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىپ، "دالاي لاما دىنىي پەرەنجىگە ئورىنىۋالغان بىر بۆلگۈنچى ئۇنسۇر. ئۇ قەيەرگىلا بارمىسۇن، نېمىلا سۆز قىلمىسۇن، بارلىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ" دەپ بىلدۈرگەن.

دالاي لاما 2002 - يىلى موڭغۇلىيىنى زىيارەت قىلغان مەزگىلىدە، يول ئۈستىدە رۇسىيىنى زىيارەت قىلىشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، ۋىزا ئىلتىماسى رەت قىلىنغان. ئەينى ۋاقىتتا رۇسىيە مەتبۇئاتلىرى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيىگە بېسىم ئىشلىتىپ، ئەگەر خىتاي- رۇسىيە مۇناسىۋىتى زىيانغا ئۇچرىسا، خىتاينىڭ رۇسىيىدىن 3 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى قورال سېتىۋېلىش پىلانىنى بىكار قىلىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنكاسى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى گەرچە ئۆتكەن جۈمە كۈنى دالاي لامانىڭ زىيارىتىنىڭ پەقەت ساپ دىنىي خاراكتېرغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ھېچقانداق سىياسىي پائالىيەت ئېلىپ بارمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دالاي لاماغا ۋىزا بەرگەنلىكىگە قاتتىق نارازى بولغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭ » دالاي لاما بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر ئۇنسۇر، ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ دالاي لاماغا بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بارىدىغان پۇرسەت يارىتىپ بېرىشىگە قارشى تۇرىمىز« دېگەن.

موڭغۇللارنىڭ نەزىرىدە

ئەمما باش شتابى نيويۇركتىكى جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مەسئولى ئەنخاباتۇ، دالاي لامانىڭ بۇ قېتىمقى قالماقىستان زىيارىتىنىڭ پەقەت بۇددا دىنىي تەلىماتى ئېلىپ بېرىشنى چىقىش قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دىدى:

"دالاي لاما ئۆزىمۇ پائالىيەتلىرىنىڭ پەقەت دىنىي خاراكتېرغا ئىگىلىكىنى ئېنىق ئېيتقان. خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە ئۇنىڭ زىيارىتىگە ئالاھىدە سەزگۈرلۈك بىلەن قاراۋاتقان بولسىمۇ، بىراق مېنىڭ قارىشىمچە، دالاي لامانىڭ ئېلىپ بارىدىغىنى پۈتۈنلەي دىنىي پائالىيەتلەر".

ئۇ يەنە، رۇسىيىنىڭ تېررىتورىيىسىدە قالماقىستاندىن سىرت يەنە بۇرىياتىيا ۋە تۇۋا جۇمھۇرىيىتىدىمۇ موڭغۇللار نوپۇسىنىڭ كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغانلىقى ۋە خەلقىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ تىبەتنىڭ بۇددا دىنىغا ئېتىقات قىلىپ، دالاي لامانى ئەڭ ئالىي دىنىي رەھبىرى دەپ تونۇيدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

خەۋەرگە قارىغاندا، تىبەتنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لاما بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە شۇنداقلا بۇرىياتىيا ۋە تۇۋا جۇمھۇرىيەتلىرىنىمۇ زىيارەت قىلىپ، بۇددا دىنىدىن تەلىم بېرىدىكەن. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.