دالاي لاما ۋەكىللىرى شاڭخەيگە يېتىپ باردى


2007.06.29

تىبەت روھانى داھىسى دالاي لامانىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغان لودى گيارى باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى جۈمە كۈنى شاڭخەيگە يېتىپ بارغان بولۇشى مۇمكىن. رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، دالاي لامانىڭ ۋاشىنگتوندىكى ۋەكىلى لودى گيارى ۋە كېلساڭ گيالتسېن ھەم ئۇلارنىڭ 2 ياردەمچىسىنىڭ جۈمە كۈنى ھىندىستاندىن شاڭخەيگە قاراپ ئۇچقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ نۆۋەتلىك خىتاي - تىبەت سۆھبىتىنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا ھەر ئىككىلا تەرەپ ئاخبارات ساھەسىگە ئۇچۇر بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرماقتا. مەركىزى لوندوندىكى تىبەت ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىدە ئەسكەرتىشىچە، دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى 5 - ئىيۇلدا ھىندىستانغا قايتىدىكەن ۋە خىتايلار بىلەن بولغان سۆھبەتتە دالاي لامانىڭ خىتايدىكى بۇددا تاۋاپگاھلىرىنى زىيارەت قىلىش پىلانى مۇزاكىرىگە قويۇلىدىكەن. مەزكۇر تور بېتىنىڭ خەۋىرىدە، " دالاي لامانىڭ خىتايغا ئىبادەتكە بېرىش پىلانى سۆھبەتتە مۇزاكىرە قىلىنىدىغان مەركىزى تېما ئىكەنلىكى پەرەز قىلىنماقتا " دېيىلگەن . لېكىن دارامسالاغا جايلاشقان تىبەت سەرگەردان پارلامېنتىدىكى زاتلار بۇ نۆۋەتلىك سۆھبەتنىڭ نەتىجە بىلەن ئاخىرلىشىشىدىن ئۈمىدسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تىبەت سەرگەردان پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى كېدرۇپ توندۇپنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ بېسىمى ئاستىدىلا دالاي لاما بىلەن سۆھبەتلىشىشكە مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ. لېكىن ئۇ، گەرچە تىبەت ۋەكىللىرىگە خىتاينىڭ قانچىلىك ياخشى بولۇپ كەتكەنلىكى كۆرسىتىلسىمۇ، ئەمما بېيجىڭغا بېرىپ سۆھبەتلىشىشنىڭ ئۆزى ئىجابىي تەرەققىيات، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دالاي لاما ۋەكىللىرىنىڭ ھازىرغىچە خىتاي بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرى كومپارتىيە مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان. بۇ قېتىمقى سۆھبەت مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمى بىلەن ئېلىپ بېرىلامدۇ ياكى سۆھبەتكە باشقا ئورگانلار ئارىلىشامدۇ بۇ ھازىرچە مەلۇم ئەمەس. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.