دالاي لاما مېككەيىن بىلەن كۆرۈشتى

ئالدىمىزدىكى نويابىر ئېيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمىدا جۇمھۇرىيەتچى پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى جوھن مېككەيىن 25‏ - ئىيۇل كۈنى ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان تىبەتلەرنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي داھىسى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.07.26

 رويتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تىبەتتىكى ۋەزىيەت ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ خىتايدىكى ئەھۋالى بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشنىڭ ئاساسلىق تېمىسىنى تەشكىل قىلغان.

جان مېككەيىن، دالاي لاما بىلەن ئۇچرىشىشىدىن كېيىن مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت كۆرسىتىشكە ۋە تۈرمىدىكى تىبەتلىك سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.

بۇ، دالاي لاما نىڭ جۇمھۇرىيەتچى پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى جان مېككەيىن بىلەن تۇنجى ئۇچرىشىشى ھېسابلىنىدىكەن.

جان مېككەيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مارت ئېيىدا تىبەتتە يۈز بەرگەن قوزغىلاڭنى قاتتىق قول بىلەن باستۇرغانلىقىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.

خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2005‏ - يىلى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەن دېموكرات پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى باراك ئوباما مۇ يېقىندىن بېرى دالاي لاما بىلەن داۋاملىق ئالاقىلىشىپ تۇرماقتا ئىكەن.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.