دالاي لاما ئولىمپىك پەيتىدە فرانسىيىدە زىيارەتتە بولماقچى

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى چارشەنبە كۈنى، فرانسىيە پارلامېنت ئەزاسى Louis Broissia لوئىس بروئىسسىئانىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، كېلەر ئاي بېيجىڭدا ئولىمپىك مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان پەيتلەردە، بىر قىسىم فرانسىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ دالاي لاما بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.07.31

 دالاي لاما، 12 ‏ - ئاۋغۇستتىن 23 ‏ - ئاۋغۇستقىچە فرانسىيىگە قاراتقان 10 كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلايدىكەن. Louis Broissia نىڭ ئاشكارىلىشىچە، دالاي لاما فرانسىيىدىكى زىيارىتى داۋامىدا فرانسىيە دۆلەت مەجلىسىدىكى تىبەت مەسىلىسى كومىتېتى بىلەن " يېپىق شەكىلدە " سۆھبەت ئۆتكۈزىدىكەن.

خەۋەردە، فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىينىڭ دالاي لاما بىلەن ئۇچرىشىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقى تەكىتلەنگەن بولۇپ، بىراق خىتاي تەرەپنىڭ بۇ خىل ئېھتىماللىقتىن نارازى بولىدىغانلىقى ئاللىقاچان ئاشكارىلانغان. بۇ ئارىدا رويتېرس ئاگېنتلىقى بىلەن فرانسىيە ئاگېنتلىقى ئولىمپىك مەزگىلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتنى قاتتىق كونترول ئاستىغا ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كۆزەتكۈچىلەر، دالاينىڭ ئولىمپىك جەريانىدا فرانسىيىگە زىيارەتكە تەكلىپ قىلىنىشى، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئەربابلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ سۆھبەتتە بولۇشى، فرانسىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ ئولىمپىك ھارپىسىدا خىتايغا بەرگەن جىددىي بىر سىگنالى دېيىشمەكتە.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.