دالاي لاما خەلقئارا جەمئىيەتنى تىبەت ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشكە چاقىردى


2008.03.16

تىبەتنىڭ دىنىي داھىيسى دالاي لاما ھىندىستاندىكى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى جايلاشقان دارىسالادىكى تۇرالغۇ جايىدا يەكشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى تىبەتتە يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە چاقىردى.

دالاي لاما سۆزىدە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنى "تىبەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى" يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىق بىلەن ئەيىبلىگەن.

تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى بولسا لخاسادىكى توقۇنۇشتا 80 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى پەقەت 10 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىگە ئىقرار بولغان. يەكشەنبە كۈنى لخاسا شەھىرى تىنچلانغان بولۇپ، شەھەرگە خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ تانكا ۋە قۇرۇقلۇق قىسىملىرى كىرىپ، ھەربىي ھالەت ئېلان قىلغان.

توقۇنۇش جەريانىدا نەچچىلىگەن ماشىنا، دۇكان ۋە باشقىلار كۆيدۈرۈۋېتىلگەن. بۇ قېتىمقى تىبەت خەلقىنىڭ كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكىتى تىبەتنىڭ بىر قانچە جايلىرىدا يۈز بەرگەندىن باشقا يەنە سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى تىبەتلەر توپلاشقان جايلاردىمۇ داۋاملىشىپ، ساقچىلار بىلەن توقۇنۇش كېلىپ چىققان.

جۈمە، شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى دۇنيانىڭ كۆپلىگەن دۆلەتلىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا تىبەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرى نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزگەن. شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى ئامېرىكا شەھەرلىرىدىن نيۇيورك ۋە ۋاشىنگتوندىمۇ نامايىش بولغان. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.