خۇ جىنتاۋغا نارازىلىق بىلدۈرگەن بىر تىبەتلىك ئۆزىگە ئوت قويۇش بىلەن بىرگە، خىتاي بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدى


2006.11.23
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

Lhakpa ئىسىملىك بىر تىبەتلىك 23‏- نويابىر كۈنى ھىندىستاندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان خۇجىنتاۋغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ، ئۆزىگە ئوت قويدى.

رويېتىرس ئاگېنتلقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، Lhakpa ئۆزىگە بېنزىن چېچىپ ئوت قويۇپ، " تىبەتكە ئازاتلىق" " خۇ جىنتاۋ بولسا قاتىل" دېگەنگە ئوخشاش شۇئارلارنى توۋلىغان ۋە خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن. ھىندىستان ساقچىلىرى ئۇنىڭغا تۇتاشقان ئوتنى دەرھال ئۆچۈرۈپ، ئۇنى ئېلىپ كەتكەن.

لاكپانىڭ ئىككى پۇتى ئېغىر دەرىجىدە كۆيۈپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ 12 نەپەر تىبەتلىك بىلەن، خۇ جىنتاۋغا زىياپەت بېرىلىۋاتقان مومبايدىكى مېھمانخانا ئالدىدا ئۇچىسىغا " خىتاي ، تىبەتتىن دەرھال چىقىپ كەتسۈن" ، "خىتاي ئەخلاقتا ناچار ، دوست بولۇشقا ئەرزىمەيدىغان دۆلەت" قاتارلىق خەتلەر چۈشۈرۈلگەن مايكىلارنى كىيىپ، نامايىش ئېلىپ بارغان.

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ھىندىستاندا ئېلىپ بارغان 4 كۈنلۈك زىيارىتىنى بۈگۈن ئاياقلاشتۇردى. سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئېيتىشىچە، خۇ جىنتاۋغا نارازىلىق بىلدۈرۈش سەۋەبىدىن 21 تىبەتلىك ھىندىستان ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇقلانغان.

ھىندىستان، خىتايدىن نارازى بولۇپ، تىبەتتىن قېچىپ كەلگەن تىبەتلىكلەرنى ئۆز ھىمايىسى ئاستىغا ئېلىۋاتقان ئاساسلىق دۆلەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

خۇ جىنتاۋ بۇ قېتىم ئېلىپ بارغان ھىندىستان زىيارىتىدە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت