كەچۈرۈم تەشكىلاتى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرۇشقا چاقىردى
2008.04.01
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، سەيشەنبە كۈنى بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ھارپىسىدا، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ خىتايدىكى ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكىگە خىتاي جەمئىيىتىنى ئىتتىپاقلىق ئىچىدە ياشاۋاتقان ئىناق بىر جەمئىيەت قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى قاتتىق باستۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
باياناتىدا، 2008 - يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ خىتايدىكى ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش مەسىلىسىدە ھېچقانداق تەسىرى بولمايدىغانلىقىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى تەكىتلىگەن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنى شۇنىڭدەك خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئوچۇق - ئاشكارا تەنقىد قىلىشقا چاقىردى.
باياناتتا، " ئەگەر خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى، چەت دۆلەت رەھبەرلىرى شۇنىڭدەك خىتايدىكى چەتئەل شىركەتلىرى، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىلىكىگە قارشى چىقمىسا، بۇ مەسىلىدە خىتاينىڭ شىرىكى ھېسابلىنىپ قىلىشى مۇمكىن" دېيىلگەن.
لېكىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جياڭ يۈ، سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خىتايغا قارشى پوزىتسىيىدە، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ تەشكىلاتنىڭ قانداق دوكلات ئېلان قىلىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن" دېگەن. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئەنگىلىيىدە ئېلان قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا خىتاي بىلەن رۇسىيە تەنقىتلەندى
- ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان "ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى دوكلاتى" غا ئىنكاس قايتۇردى
- خىتاي مىللىي كەمسىتىش ئامېرىكىدا ئېغىر دېدى، ئۆزىدىچۇ ؟
- خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ 2007 - يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىغا نارازىلىق بىلدۈردى
- ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 2007 - يىللىق كىشىلىك ھوقوق خاتىرىسى دوكلاتى ئېلان قىلدى
- كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇ جىيانىڭ ئادۋوكاتى يوقاپ كەتتى
- چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ": كىشىلىك ھوقۇقنىڭ خىتايدىكى ۋەزىيىتىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى"
- خىتاي بىلەن ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى
- كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئامېرىكىنى خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولۇشقا چاقىردى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى، ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى توم لانتوس ئەپەندى ۋاپات بولدى
- كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى يىللىق دوكلاتىدا خىتاينى ئەيىبلىدى









