ئامېرىكا ھۆكۈمىتى نېپالدىكى تىبەت مۇساپىرلىرىنى قوبۇل قىلماقچى


2005.09.08

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى نېپالدا تۇرىۋاتقان بىر قىسىم تىبەتلەرنى، مۇساپىرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ پىلانى بويىچە ئامېرىكىغا قوبۇل قىلىشنى ئويلاشماقتا.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ چارشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، بۇ ھەرىكەت، ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مۇساپىرلارنى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.

بۇ پىلان بويىچە، نېپالدا تۇرىۋاتقان سانى تېخى ئېنىق بولمىغان تىبەت مۇساپىرلىرى ئامېرىكىغا كېلىپ ياشىيالايدىكەن. تىبەتلەر مەركىزىي ئۇيۇشمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بارلىق ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئامېرىكىغا كىرىشكە رۇخسەت قىلىنىشتىن بۇرۇن ، چوقۇم ئامېرىكا دۆلەت زېمىنى بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى كېرەك ئىكەن.

1989 - يىلىدىن بۇيان نېپال دائىرىلىرى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى نەزەردە تۇتۇپ، يېڭىدىن كىرگەن تىبەتلەرگە قانۇنلۇق تۇرۇش سالاھىيىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن بەرمەي كەلدى. نۆۋەتتە نېپالدا 30 مىڭغا يېقىن تىبەت بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدا 10 مىڭغا يېقىنى قارا نوپۇس ئىكەن. بۇلارنىڭ ھەر قاچان خىتايغا قايتۇرۇلۇش ئېھتىماللىقى بار بولغاچقا، خەلقئارا جەمئىيىتى ئۇلارنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلمەكتە.

بۇنىڭدىن بىر قانچە يىللار ئىلگىرى ، نېپال ھۆكۈمىتى بۇ يەردىكى شىرئەلى ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر مۇساپىرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەندە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىپ، ئېتىپ تاشلىغان ئىدى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.