تىبەتلىك راھىبلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت ۋەزىيىتىنى تىنچ قىلىپ كۆرسىتىش پىلانىنى بۇزۇۋەتتى


2008.03.27

پەيشەنبە كۈنى، تىبەتنىڭ پايتەختى لخاسا شەھىرىدە، تىبەتلىك بۇددىست راھىبلار، دىنىي ئەركىنلىك دەپ شۇئار توۋلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەل مۇخبىرلىرىغا تىبەتنى زىيارەت قىلدۇرۇش ئارقىلىق، دۇنياغا تىبەت ۋەزىيىتىنى تىنچ ۋە نورمال كۆرسىتىش پىلانىنى بىت - چىت قىلىپ تاشلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن مەزكۇر زىيارەتكە قاتناشقان، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى چارلىس ھۇتسلەرنىڭ لخاسادىن خەۋەر قىلىشىچە، چەتئەللىك مۇخبىرلار، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن لخاسادىكى جۇكاڭ بۇتخانىسىنى زىيارەت قىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە، 30 نەپەر ئەتراپىدا تىبەتلىك بۇددىست راھىب، تىبەتكە ئەركىنلىك، تىبەتتە ئەركىنلىك يوق، دىنىي ئەركىنلىك دەپ شۇئار توۋلاپ يېغا - زارە قىلغان. راھىبلار شۇنداقلا، دالاي لامانىڭ تىبەتتىكى قوزغىلاڭ بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرى، تىبەتلىك راھىبلارنىڭ تىبەتكە ئازادلىق شوئارلىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر ئەھۋال ئاستىدا، چەتئەللىك مۇخبىرلارنى تېزدىن بۇدخانىدىن يىراقلاشتۇرغان.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نامايىشچى راھىبلارنىڭ بىرى، بۇلار بىزدىن دالاي لاماغا قارشى چىقىشىمىزنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ، بۇ توغرا ئىش ئەمەس، دېگەن.

خەۋەردە تەكىتلىنىشىچە، نامايىشچى راھىبلار دەسلەپتە تىبەتچە سۆزلىگەن، ئاندىن چەتئەللىك مۇخبىرلارغا ئۆز مۇددىئاسىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، خىتايچە سۆزلەشكە باشلىغان. ئۇلار چەتئەللىك مۇخبىرلارغا، بۇ ھەرىكىتى سەۋەبىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ پىكرىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قولغا ئېلىنىشنى كۆزگە ئالغانلىقىنى تەكىتلىگەن. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.