تىبەتلىك ئوقۇغۇچىلار چىڭخەيدە نامايىش ئۆتكۈزدى


2004.10.11

ئەركىن ئاسىيا رادىئويىمىز تىبەت بۆلىمىنىڭ يېقىندا ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 200 دىن ئارتۇق تىبەتلىك ئوقۇغۇچىلار 21 - سىنتەبىردىن باشلاپ، چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ گۇلۇڭ ئوبلاستلۇق ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزگەن. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىغانلىقىغا قارشىلىق بىلدۈرگەن.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر كىشىنىڭ رادىئويىمىز تىبەت بۆلىمىگە نامايىش ھەققىدە مۇنداق دىدى:

"تىبەتلىك ياشلار چوڭ- كىچىك ھەر خىل چىدىرلارنى تىكىپ، 21 - سىنتەبىر كۈنىدىن باشلاپ گۇلۇڭ ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئالدىغا يېتىپ قوپۇپ تۇرىۋاتىدۇ. ھۆكۈمەت ئەمەلدارلارى بۇ تىبەتلەردىن نامايىش قىلماسلىقنى سوراپ ، ئۇلارغا لايىق خىزمەت چىقسىلا، ئۇلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقى ھەققىدە سۆز بەردى. بىراق بۇ ياشلار تېخى تارقىمىدى.

نامايىش ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ئەندىشىگە سالدى

مەزكۈر كىشىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئاشكارىلىشىچە، يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلارنى نامايىشنىڭ خىتاينىڭ ئۆكتەبىر دۆلەت بايرىمى ئۆتكىچە داۋاملىشىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى نامايىشنى توختۇتۇشقا قايىل قىلىش ئۈچۈن كۆپ قېتىم خىزمەت ئىشلىگەن. شۇنداقلا ئۇلار يەنە بەزىدە ئوقۇغۇچىلارنى تاماق ۋە چىدىر بىلەن تەمىنلىگەن.

ئەمما ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن بۇ ياشلار قەتئىيلىك بىلەن نامايىشنى داۋاملاشتۇرغان. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەرگە خىزمەت بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەنلىكى ئۈچۈن، ئائىلىدىكىلىرىنىڭ زور بەدەل تۆلەپ، ھەتتا ئۆي -بىساتلىرى ۋە ماللىرىنى سېتىپ،ئۇلارنى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتقانلىقىنى شىكايەت قىلغان. مەزكۈر كىشىنىڭ بىلدۈرىشىچە، نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەلگەندىن كىيىن، خىزمەتكە ئورۇنلىشالمىغان. نەتىجىدە بۇ ئائىلىلەر ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئىنتايىن قىينالغان.

نامايىش تىنچلىق بىلەن ئۆتكۈزۈلدى

گۇلۇڭ ئوبلاستىدىكى بىر خىتاي ئەمەلدارىمۇ، 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنىدىن باشلاپ، بۇنداق بىر نامايىشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى،نامايىشقا قاتناشقان 200 دەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تىبەتلىكلەر ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.

- ئۇلار گۇلۇڭ ئوبلاستىنىڭ ھۆكۈمەت بىناسىغا يېقىن بىر جايدا يېتىپ قوپىۋاتىدۇ. ئۇلار تىنىچ ھالدا نامايىش ئۆتكۈزىۋاتىدۇ. ھىچقانداق شوئارمۇ توۋلىمىدى. ئۇلارنىڭ ئاساسلىقى ھازىر خىزمەتلەرنىڭ باشقا رايۇندىن كەلگەنلەرگە بېرىلىپ، يەرلىكلەرگە ھىچقانداق ئېتىبار قىلىنمايۋاتقانلىقىدىن شىكايەت قىلىۋاتىدۇ. بىراق ھازىر ۋەزىيەت ئىلگىركىگە ئوخشىمايدۇ. نۇرغۇن ھۆكۈمەت تارماقلىرى تاقىلىپ كەتكەچكە، ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇغانلارغا كۆپ خىزمەت پۇرسىتى يوق.

مەزكۈر ئەمەلدارنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا بىلدۈرىشىچە، بۇ ئوقۇغۇچىلار ھەقىقەتەن ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىش شتاتىغا ئىگە ئىكەن. بىراق چىڭخەي ئۆلكىسىدىكى بۇ ئەمەلدار نامايىشقا چىققان بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئىنتايىن تەس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ سەۋەبىنى يىتەرلىك خىزمەت پۇرسىتى يوق دەپ تەكىتلىگەن. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.