سۈرگۈندىكى تىبەتلەر خىتاي تۈرمىسىدىكى تىبەت راھىبى ئۈچۈن ئاچلىق ئېلان قىلدى


2004.11.03

سۈرگۈندىكى بىر تۈركۈم تىبەتلەر چارشەنبە كۈنى ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى دارامسالادا ئاچلىق ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرمىدىكى تىبەت راھىبىغا بەرگەن ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

رويتېرىس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تىبەتلىك راھىب تېنزىن رىنپوچى 2002 - يىلى دېكابىردا، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن پارتىلىتىش ۋەقەسىنى سادىر قىلغان دەپ ئەيىپلىنىپ ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن ھەمدە بۇ جازانى ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

نامايىشچىلارنىڭ ئارىسىدىكى تىبەت پائالىيەتچىسى دىكى دولكار مۇخبىرلارغا، تېنزېن رىنپوچىغا خىتايدا ئادىل سوت ئېچىلمىغانلىقىنى، ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گەرچە نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە دېپلوماتلار ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتىگە كۈچلۈك بېسىم ئىشلەتكەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ئۆتكەن يىلى 1 - ئايدا تېنزېن بىلەن بىرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن لوبساڭ دونجۇپنى ئاتقان ئىدى.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت سىياسىي جىنايەتچىلىرىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىشى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئەيىپلىنىپ كەلمەكتە.(پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.