خىتاي، تىبەت ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلىدى


2005.09.01

خىتاي ھۆكۈمىتى 1 - سېنتەبىر كۈنى، تىبەت ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ غەلىبىسىنى كۆز-كۆز قىلىش ۋە بۆلگۈنچىلەرنى باستۇرۇش ھەيۋىسى بىلەن كۈتۈۋالدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، ھەربىي فورمىلىرىنى كىيگەن خىتاي ئەسكەرلىرى، ئىلگىرى تىبەتلەرنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لاما تۇرغان پۇتالا سارىيىنىڭ ئالدىدا قىزىل دۆلەت بايراقلىرىنى كۆتۈرۈپ پاراتتىن ئۆتكەن.

بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىش ئۈچۈن، خىتاي مەركىزى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى ۋە سىياسىي كېڭەش رەئىسى جيا چىڭلىن 52 كىشىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن بۆلگۈنچى كۈچلەر ئۈستىدىن داۋاملىق باستۇرۇش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تىبەتنى 1950 - يىلى ئىگىلىۋالغاندىن كېيىن، تىبەتلەرنىڭ رەھبىرى ۋە دىنىي داھىسى دالاي لاما 1959 -يىلى ھىندىستانغا قېچىپ چىققان. خىتاي ھۆكۈمىتى 1965 - يىلى 9 -ئاينىڭ 1 - كۈنى بۇ يەرنى "شىزاڭ تىبەت ئاپتونوم رايونى" دەپ ئاتىدى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.