سۈرگۈندىكى تىبەت مۇستەقىلچىلىرى ھىندىستاندىن تىبەتكە قاراپ يول ئالدى
2008.03.10
10 - مارت دۈشەنبە كۈنى 100 دىن ئارتۇق تىبەتلىك ھىندىستاننىڭ دارامسالا شەھىرىدىن تىبەتكە قاراپ يولغا چىققان بولۇپ، ئۇلارنى مىڭلىغان قوللىغۇچىلار تىبەت بايرىقىنى لەپىلدىتىپ زور ئالقىشلار بىلەن ئۇزىتىپ قويغان.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، تىبەت تامان يولغا چىققان بۇ 100 كىشىلىك مارش ئەترىتى ئىچىدە تىبەت راھىبلىرى ۋە 10 نەپەر ئايالمۇ بار بولۇپ، ئۇلار شۇ ماڭغانچە خىتاي چېگرىسىدىن ئۆتۈپ تىبەتكە كىرىشنى پىلانلىغان. ھالبۇكى، بۇ مارشنى تەشكىللىگۈچى تىبەتلەر، ئۇلارنىڭ قاچان، قەيەردىن، خىتاي چېگرىسىدىن ئۆتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ تىبەتنىڭ پايتەختى لىخاسا شەھىرىگىچە بارىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
تىبەت ياشلار قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى تسېۋاڭ رىگزىن مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن " بىزنىڭ بۇ نۆۋەتلىك مارشىمىز تىبەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق تىبەتلىكنىڭ ھەقىقىي ئارزۇ - تىلەكلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بولۇپ، بۇ خىتايغا تىبەتلەرنىڭ ۋەتىنىنىڭ قانۇنسىز بېسىۋېلىنغانلىقىغا قارشى كۈرەش قىلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت سىگنالىنى يەتكۈزىدۇ."
ئۇ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىكدىن ئىبارەت سەھنىدىن پايدىلىنىپ تىبەتنى قانۇنسىز بېسىۋالغانلىقىنى قانۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە " تىبەت تىبەتلىكلەرنىڭكى، بىز تىبەت مۇستەقىل بولمىغىچە ھەرىكىتىمىزدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيمىز" دېگەن.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە يەنە، تىبەتكە قاراپ يولغا چىققانلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياش قاتناشقۇچى بولسا 19 ياشلىق تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىسى تېنزېن پېما بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ سەپەرگە چىقىشىدىكى مۇددىئاسىنى بىلدۈرۈپ: " ئازات تىبەت مەكتەپتىن مۇھىم، شۇڭا مەن ۋەتىنىمگە قايتىپ، بۇ بايراقنى ئۆزۈمگە تەۋە زېمىنغا قادايمەن" دېگەن.
تىبەت پائالىيەتچىلىرى يەنە، بۇ يىل دارامسالادا "تىبەت ئولىمپىكى" مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ يىل ئاۋغۇستتا بېيجىڭدا ئۆتكۈزىلىدىغان ئولىمپىك ھەرىكىتىگە بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرمەكچى. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- دالاي لاما ئولىمپىك مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاينى ئەيىبلىدى
- دالاي لاما 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىشىنى چەكلەشنى ئوتتۇرىغا قويدى
- خىتاي ئىسلاندىيىلىك ناخشا چولپىنى بجوركنى ئەيىبلىدى
- خىتاي تىبەت پائالىيەتچىلىرىگە ۋە دالاي لامانىڭ قوللىغۇچىلىرىغا تەھدىت سالدى
- خەلقئارا ساقچى ئورگىنى 2008 - يىل ئولىمپىكىنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇم نىشانى بولۇش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى كۆرسەتتى
- ئەتلەس كۆينەك كىيگەن ئىسلاندىيە ناخشا چولپىنى شاڭخەيدە تىبەت مۇستەقىللىقىنى كۈيلىدى
- تىبەتتە قىلىنغان نامايىش باستۇرۇلدى
- خىتاي دارفۇر مەسىلىسىدە ئىنكاس قايتۇردى
- گوللاندىيە پارلامېنتىدىكى خرىستىئانلار بىرلەشمىسى ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى
- ئىككى نەپەر تىبەتلىك خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش يولى بىلەن ئىپادىلىدى
- سىچۈەننىڭ گەنزى رايونىدىكى لامالارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى دەخلىگە ئۇچرىماقتا