
ئەركىن تىبەت ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتى بىلەن ئەركىن تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتى يېقىندا، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى يېڭىدىن ياسىغان چىڭخەي - تىبەت تۆمۈر يول قاتنىشىغا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتى دائىرىلىرىنىڭ تىبەت پائالىيەتچىلىرىنى باستۇرۇش ھەرىكىتىگە نارازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان چىڭخەي - تىبەت تۆمۈر يول قاتنىشى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى رەسمىي قاتناش باشلاش ھارپىسىدا، بىر قىسىم تىبەت پائالىيەتچىلىرىنى بېيجىڭ تۆمۈر يول ۋوگزالىنىڭ چوڭ زالى ئالدىغا " چىڭخەي - تىبەت تۆمۈر يولىنىڭ مەقسىدى - تىبەتنى يوقىتىشتىن ئىبارەت " دەپ يېزىلغان سېرىق رەڭلىك لوزۇنكىنى ئېسىپ نارازىلىق بىلدۈرۈشكە مەجبۇر قىلغان. ئۇزۇن ئۆتمەي خىتاي ساقچىلىرى نەق مەيداندا نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتقان بۇ كىشىلەرنى يەنى ئامېرىكىدىن كەلگەن ئۈچ كىشى ۋە كانادا بىلەن ئەنگىلىيىدىن كەلگەن تىبەتلىك پائالىيەتچىلەرنى قولغا ئېلىپ، ئۇلار ئۈستىدىن بىر قانچە سائەت سوراق ۋە سۈرۈشتۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئاندىن قويۇپ بەرگەن.
مەركىزى ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى ئەركىن تىبەت ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتى ئاساسىي قاتلام پائالىيەت ئۇيۇشتۇرغۇچىسى دەنزىن دوجېنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەلدىن كەلگەن تىبەتلىك پائالىيەتچىلەرنى قولغا ئېلىش قىلمىشىدىن قاتتىق نارازى ئىكەن.
خىتاينىڭ مەقسىتى تىبەتنىڭ بايلىقىنى قۇرۇتۇش
ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ": ئەركىن تىبەت ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتى، خىتاينىڭ چىڭخەي - تىبەت تۆمۈر يولىنى ياساپ قاتناش باشلىغانلىقىغا قەتئىي قارشى " دەيدۇ.
دەنزىن دوجې سۆزىدە يەنە: "گەرچە، خىتاي دائىرىلىرى تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، چىڭخەي - تىبەت تۆمۈر يولى تىبەتنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن دەپ كۆككە كۆتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما بىزنىڭ ۋە نۇرغۇنلىغان تىبەتتىكى يەرلىك تىبەت خەلقىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ چىڭخەي - تىبەت تۆمۈر يولىنى ياساپ ئىشقا سېلىشى، تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدە مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىدۇ " دەيدۇ.
دەنزىندوجېنىڭ ئېيتىشىچە، ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى چىڭخەي - تىبەت تۆمۈر يولى ئارقىلىق تىبەتنىڭ تەبىئى بايلىقىنى سۈمۈرۈپ قۇرۇتىۋەتمەكچى، مۇنداقچە ئېيتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتنىڭ بايلىقىنى خىتاينىڭ شەرقىدىكى دېڭىز ياقىسى رايونىغا يۆتكەشتەك مەقسىدىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، چىڭخەي - تىبەت تۆمۈر يولى ئارقىلىق زور تۈركۈم خىتايلارنىڭ تىبەتكە كېلىشىگە ياخشى شارائىت ھازىرلاش، بۇنىڭ بىلەن تىبەتلەرنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا ئاسىملىئاتسىيە قىلىش مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى ئىكەن.
دەنزىندوجې سۆزىدە: "بۇ، تىبەت مەدەنىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشىغا نىسبەتەن ئەڭ چوڭ تەھدىت. چىڭخەي - تىبەت تۆمۈر يولى مۇھىتنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپلا قالماي، تۇپراق ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بۇزۇلۇشى، ھايۋاناتلارنىڭ كۆچۈشىنى شۇنىڭدەك سۇ مەنبىيىنىڭ بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەزكۇر تۆمۈر يۇل خىتاي ھۆكۈمىتىگە قولايلىق ئېلىپ كېلىپ، تىبەتكە تېز سۈرئەتتە ھەربىي قوشۇن ئورۇنلاشتۇرۇش، بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ تىبەتنى كونترول قىلىش مەقسىدىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، دەپ تەكىتلىگەن دەنزىن دوجې ": خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئىقرار قىلغىنىدەك، چىڭخەي - تىبەت تۆمۈر يولى پۈتۈنلەي سىياسىي مەقسەدنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان قۇرۇلۇشتىن ئىبارەت " دەيدۇ.
ئەگەر تىبەت بىر مۇستەقىل دۆلەت بولغان بولسا
خىتاي ھۆكۈمىتى 7 -ئاينىڭ 1 - كۈنى، چىڭخەي - تىبەت تۆمۈر يولىنىڭ قاتناش باشلاش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈپ، پۈتۈن يەر شارى بويىچە دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئىگىز تۆمۈر يول ياسىغانلىقىنى تەبرىكلىگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى دەل تىبەتلىكلەرنىڭ ئېيتقىنىنىڭ ئەكسىچە، چىڭخەي - تىبەت تۆمۈر يولىنىڭ ياسىلىشى تىبەتتە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يول ئاچىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىراق، ئەركىن تىبەت ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتىنىڭ ئاساسىي قاتلام پائالىيەت ئۇيۇشتۇرغۇچىسى دەنزى دوجېنىڭ قارىشىچە، ئەگەر تىبەت بىر مۇستەقىل دۆلەت بولغان بولسا شۇنداقلا تىبەتنى ھەقىقى بىر تىبەت رەھبىرى باشقۇرغان بولسا، ئۇنداقتا چىڭخەي - تىبەت تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى ناھايىتى خوشاللىنارلىق بىر ئىش ھېسابلىناتتىكەن. بۇ ھەقتە دەنزىن دوجې يەنە مۇنداق دەيدۇ: "ئۇ چاغدا بىز ئۆز بايلىغىمىزنىڭ بىر قىسمىنى ساقلاپ قېلىپ، بىر قىسمىنى يۆتكەشنى، كىمنىڭ تىبەتكە كىرىشىنى ئۆزىمىز بەلگۈلىگەن بولاتتۇق، ئەگەر راستىنلا مېنىڭ ئېيتقىنىمدەك بولسا، مەزكۇر تۆمۈر يول ھەقىقەتەن تىبەت ئۈچۈن ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز خوشاللىق ئىدى، بىراق تىبەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدىلا بولىدىكەن، چىڭخەي - تىبەت تۆمۈر يولى، تىبەت خەلقى ئۈچۈن ھېچقانداق مەنپەئەت ئېلىپ كەلمەيدۇ"
تىبەتلىكلەرنىڭ بۇ خىل نارازىلىقى، كىشىلەر ئارسىدا "تىبەتلىكلەر بىر كۈنى چوقۇم چىڭخەي - تىبەت تۆمۈر يولىنى پارتلىتىۋىتىدۇ " دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنىڭ تارقىلىشىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن بولۇپ، خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى، شۇ سەۋەبلىك چىڭخەي - تىبەت تۆمۈر يولىنىڭ لاساغا يېقىن ئەتراپلىرىدىكى رېلىس بويىغا ساقچى قويۇپ، كۈزىتىش ۋە نازارەت خىزمىتىنى كۈچەيتكەن. (ئەقىدە)
