چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بىتەرەپ كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تىبەتتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى


2008.03.20

خىتاي ھۆكۈمىتى، تىبەتلەرنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ باشقا جايلارغا كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ شۇنىڭدەك تىبەتتە يۈز بېرىۋاتقان ۋەزىيەتنىڭ دۇنياغا ئاشكارىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تىبەتلەر ياشاۋاتقان بارلىق رايونلارغا قاراتقان كونتروللۇقىنى ئىزچىل كۈچەيتمەكتە.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەر خىل ۋاستىلارنى قوللىنىپ، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ تىبەت ۋەزىيىتى ھەققىدە خەۋەر ئېلان قىلىشىغا قاراتقان توسقۇنلۇقلىرى ئۈستىدىن قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، تىبەتتىكى باستۇرمىچىلىق قىلمىشىغا خاتىمە بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى يەنە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتكە كىرىشى چەكلەنگەن مۇخبىرلارنىڭ تىبەتكە كىرىشىگە يول قويۇشى ھەمدە بىتەرەپ كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تىبەتتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى ھەققىدە تەدبىر ئېلىشىنى تەلەپ قىلدى.

تىبەتتە ئۆتكەن ھەپتە، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى تېنچلىق نامايىشى قوزغالغان بولۇپ، خىتاينىڭ قوراللىق باستۇرۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن تىبەتلەر تېنچلىق بىلەن باشلىغان ھەرىكىتىنى توپىلاڭغا ئايلاندۇردى. خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن جۈمە كۈنى لخاسادا يۈز بەرگەن توپىلاڭدا ئاز دېگەندە 16 ئادەمنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى، بىراق سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى ئاز دېگەندە 100 ئادەمنىڭ خىتاي ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.