تىبەت مەسىلىسىدە خەلقئارا جامائەتنىڭ خىتايغا قاراتقان بېسىمى كۈچەيمەكتە


2008.03.19

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتتە يولغا قويغان باستۇرۇش ھەرىكىتى، بىر تەرەپتىن خەلقئارا ئاممىۋىي تەشكىلاتلار ۋە تىبەتنى ھىمايە قىلغۇچى ئورگانلارنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقىنى كۈچەيتىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تىبەتنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، تىبەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا قىستىشىغا سەۋەب بولماقتا.

بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى بايقۇت قىلىش توغرىسىدىكى چاقىرىقلارغا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، مەركىزى پارىژدىكى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ۋە مەركىزى نيۇيوركتىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلار بولسا، ھەر قايسى دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىدىن، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئىچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشماسلىقىنى تەلەپ قىلماقتا.

چارشەنبە كۈنى رىم پاپاسى، 16‏ - بېنىدىكت تۇنجى قېتىم تىبەتتىكى قوزغىلاڭ ھەققىدە توختىلىپ، تىبەت مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە تىبەت خەلقىنىڭ تارتىۋاتقان ئازابىنى توختىتىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنى سۆھبەتكە چاقىردى.

رىم پاپاسى باياناتىدا، زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى مەسىلىنى ھەل قىلمايدۇ ئەكسىچە، تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرىدۈ، دېگەن.

بۇ ئارىدا، دۇنيا مىقياسىدا ئېلىپ بېرىلغان راي سىناشتا، تىبەتتىكى ۋەقەلەرنىڭ خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئوبرازىغا سەلبىي تەسىر يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ غەرب دۆلەتلىرىدىكى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتتىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى قاتتىق ئەيىبلىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.

راي سىناش نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئامېرىكا خەلقىنىڭ 74 پىرسەنتى، فرانىسيە خەلقىنىڭ 75 پىرسەنتى ۋە ئەنگىلىيە خەلقىنىڭ 63 پىرسەنتى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتكە قاراتقان سىياستىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.