خىتاي، تىبەت دىنىي رەھبەرلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن رۇخسەتسىز سايلىنالمايدىغانلىقىنى بەلگىلىدى


2007.10.10

چارشەنبە كۈنى ھىندىستاندا ياشاۋاتقان تىبەتلىك ياشلار، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تىبەتتە يولغا قويۇلغان يېڭى دىنىي بەلگىلىمىلەرگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ھىندىستاننىڭ پايتەختى يىڭى دېھلىدىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسىغا باستۇرۇپ كىرگەن.

فرانىسيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ تىبەتتىكى يېڭى دىنىي بەلگىلىمىسىگە نارازىلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، خىتاي ئەلچىخانىسىغا بېسىپ كىرگەن تىبەتلىكلەرنىڭ بىر قىسمى زەنجىرلەر بىلەن ئۆزلىرىنى ئەلچىخانا ئىچىدىكى خىتاي بايرىقى ئىسىلغان تۈۋرۈككە باغلىۋالغان، يەنە بىر قىسىمى بولسا، ئەلچىخانىنىڭ دەرۋازىسىغا ۋە تاملىرىغا قىزىل قەلەملەر بىلەن "تىبەتكە ئەركىنلىك" دەپ شۇئارلار يازغان. نامايىشچى تىبەتلىكلەر ھىندىستان ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان.

تىبەتتە،خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 1‏- سېنتەبىر كۈنى يولغا قويۇلغان يېڭى دىنىي بەلگىلىمىدە، چەتئەللەردىكى تىبەت دىنىي رەھبەرلىرىنىڭ تىبەتتىكى دىنىي رەھبەرلەرنى سايلاش ئىشىغا ئارىلىشىشى چەكلەنگەن ھەمدە تىبەت دىنىي رەھبەرلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن رۇخسەتسىز سايلىنالمايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تىبەت تەشكىلات رەھبەرلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى بەلگىلىمىسى تىبەت دىنىي رەھبەرلىرىنىڭ سايلىنىشىدا دالاي لامانىڭ تەسىرىنى ئازايتىشنى شۇنداقلا يۈز يىللاردىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان تىبەت بۇددىزىمى ئەنئەنىسىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بايان قىلماقتا. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.