خىتاي دائىرىلىرى تىبەت يازغۇچىسى ۋىسېر خانىمنىڭ تور بېتىنى تاقىۋەتتى


2006.10.10

مەركىزى نيۇيوركتىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى دۈشەنبە كۈنى مەخسۇس خەۋەر ئېلان قىلىپ،خىتاي ھۆكۈمىتىنى تىبەت يازغۇچىسى ۋىسېر خانىمنىڭ تور بېتىنى تاقىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن قاتتىق ئەيىبلىدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ۋېسېر خانىم لاسادا نەشر قىلىنىدىغان "تىبەت ئەدەبىياتى" نىڭ باش تەھرىرى بولۇپ، ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتكە قاراتقان سىياسىتىگە تۇنجى بولۇپ قارشىلىق بىلدۈرگەن تىبەت يازغۇچىسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ۋېسىر خانىمنىڭ ئەسەرلىرى ھەممىسى دېگىدەك ئاساسەن خىتاي تىلىدا يېزىلغان.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ۋېسىر خانىم ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەر ئاساسەن خىتاي ئۆلكىلىرىدىن تىبەتكە ئېقىپ بارغان خىتاي كۆچمەنلىرى ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ۋىسېر خانىم بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى دالاي لاما بىلەن سۆھبەتلىشىشكە كۆپ قېتىم ئۈندىگەن.

ۋېسېر خانىمنىڭ شەخسى ئىنتېرنېت تور بېتى 9 ‏- ئاينىڭ ئاخىرى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تاقىۋېتىلگەن. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.