دالاي لاما ئولىمپىك مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاينى ئەيىبلىدى


2008.03.10

تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما 10 - مارت دۈشەنبە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقوق دەپسەندىچىلىكلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ۋە بۇ رايونلاردا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان دەپسەندىچىلىكلەرنى "ئادەم ئەقلىگە سىغمايدىغان دەرىجىدە ئېغىرلاشتى" دېدى.

ئۇ فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا نەقىل ئېلىنىشىچە ئۇ" كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىش، دىنىي ئەركىنلىكنى چەكلەش ۋە دىنىي ئېتىقادنى سىياسىيلاشتۇرۇش ۋە باستۇرۇش ئىزچىل داۋام ئەتمەكتە” دېدى.

دالاي لاما بۇ سۆزلەرنى دارامسالادا بىلدۈرگەن بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ مۇئەييەن دەرىجىدە ئاچچىقلانغان بولۇپ، ئۇ يەنە: “ بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت خەلقىنى پەقەت ھۆرمەت قىلمايدىغانلىقىدىن بولغان ” دېگەن.

ئۇ يەنە، نېمە ئىش يۈز بېرىشىدىن قەتئىي نەزەر ئۆزىنىڭ تىبەتكە ئالىي ئاپتونومىيە تەلەپ ئىلىش نىيىتىدىن يانمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە، خىتايدا بۇ يىل يازدا ئۆتكۈزىلىدىغان ئولىمپىك يىغىنى ھەققىدە توختىلىپ: “ خەلقئارا جەمئىيەت خىتايغا تەنھەرىكەتچى ئەۋەتىشنىڭ ئورنىغا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېسىگە سېلىشى كېرەك، خىتاي خەلقىغە ئەركىنلىكلەرنى بېرىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بىر ياخشى ساھىبخان ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش كېرەك" دېگەن.

ئالدىنقى كۈنى دالاي لاما بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش ئىدىيىسىنى رەت قىلغان ئىدى. (جۈمە)‏

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.