خىتاي ھۆكۈمىتى تۆت نەپەر تىبەتنى سولاققا ئالدى


2007.11.20

مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن ئۇچۇر تارقىتىشىچە، سىچۇەن ئۆلكىسى گەنزى ئوبلاستى ئوتتۇرا سوتىدا تۆت نەپەر تىبەتلىككە بۆلگۈنچىلىك،دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش، چەتئەلدىكى بۆلگۈنچىلەرگە ئاخبارات بېرىش جىنايەتلىرى بىلەن 3 يىلدىن 10 يىلغىچە قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان.

رويتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 1 - ئاۋغۇستتا گەنزىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئات بەيگىسىدە " دالاي لاما تىبەتكە قايتىپ كەلسۇن" دەپ شوئار توۋلىغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان رۇڭگې ئاداك ئىسىملىك ياشمۇ بۇ قېتىم قاماق جازاسى بېرىلگەن تۆت تىبەت ياشنىڭ ئارىسىدا بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭغا سەككىز يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان.

رۇڭگې ئاداك ئەينى ۋاقىتتا قولغا ئېلىنغان پەيتتە نەچچە مىڭلىغان تىبەتلىكلەر، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغاندا، ساقچىلار بىلەن توقۇنۇش پەيدا بولغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى دالاي لامانى بۆلگۈنچى دەپ ئېلان قىلسىمۇ، تىبەتلەرنىڭ ئۇنى قوللىشى بارغانچە كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، خىتاينى ئەندىشىگە سالماقتا.

ياپونىيىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان تىبەت روھانى داھىسى دالاي لاما، سەيشەنبە كۈنى تىبەت خەلقىنىڭ ئارزۇسى بۇيىچە، ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە ئۆزىنىڭ بىر ئىز باسارىنى بېكىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ " ئەگەر مېنىڭ ئىز باسارىم خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن تەقدىردە، ئەگەر بۇ ئىز باساردا تىبەتلىكنىڭ قەلبى بولمىسا، ئۇ ھەرگىزمۇ تىبەت خەلقى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمايدۇ دېگەن". (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.