تىبەت ھەرىكىتىنىڭ باياناتچىسى خىتاي تىبەت سۆھبىتى ھەققىدە توختالدى(1)
2006.07.06
تىبەت ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى چامپا پونتسوك، 7- ئاينىڭ 4- كۈنى، تىبەتلىكلەر چىڭخەي-تىبەت تۆمۈر يولىنىڭ ئىچىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرىۋاتقان بىر پەيىتتە بەرگەن باياناتىدا، دالاي ۋەكىللىرى بىلەن بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەردە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىغانلىقىنى تەكىتلەپ، دالاي لاما يەنىلا خىتاينىڭ پۈتۈنلىكى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تەھدىت دەپ، كۆرسەتتى. ۋەھالەنكى دالاي لامانىڭ سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى ترۇپتېن سامپال ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتلەرنىڭ نەتىجىلىك بولغانلىقىنى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پوزىتىسىيسىدە زور ئۆزگىرىش مەيدانغا كەلگەنلىكى بىلدۈرگەن.
تىبەتنىڭ بېيجىڭپەرەس رەھبىرىنىڭ يۇقىرىدىكى باياناتى نېمىنى ئىپادىلەيدۇ؟ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مۇخبىرىمىز قانات خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتىنىڭ باياناتچىسى كېت ساندارز بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
ھۆرمەتلىك كېت ساندارز خانىم، تىبەت ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى چامپا پونتسوك، دالاي لاما ۋەكىللىرى بىلەن بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەتلەردە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە دالاي لامانى ھېلىمۇ خىتاينىڭ پۈتۈنلىكى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن بىر تەھدىت، دەپ كۆرسەتتى. ۋەھالەنكى دالاي لاما ۋەكىللىرى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەرنىڭ نەتىجىلىك بولغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پوزىتسىيىسىسدە زور ئۆزگىرىش مەيدانغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. كىمنىڭ سۆزى توغرا؟ ياكى كىم يالغان سۆزلەۋاتىدۇ بۇ مەسىلىدە؟
كېت ساندارز خانىم: توغرا دەيسىز. تىبەت ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى جامپا پونتسوكنىڭ بۇ سۆزلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىدە بىر ئۆزگىرىش مەيدانغا كەلگەنلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ. بۇ سۆزلەر بىز بىر نەچچە يىلدىن بېرى تىبەت رەھبەرلىرىدىن ئاڭلاپ كېلىۋاتقان سۆزلەر. دەرۋەقە تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ رەھبىرىنىڭ بۇ سۆزلىرى دالاي لاماغا قارىتىلغان ئەمەس، بەلكى بېيجىڭدىكى خىتاي رەھبەرلىرىگە قارىتىلغان سۆزلەر. پونتسوك دالاي لاماغا ۋە تىبەت ھەرىكىتىگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر رھبەرلەرگە ئوخشاشلا، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان ساداقىتىنى ۋە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تەۋرەنمەس بىر خىزمەتچىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقچى بولغان. تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك رەھبەرلەر بۇنداق سۆزلەرنىڭ بېيجىڭدىكى خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ قولىقىغا ياقىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ. ئەمما ئۇ، بۇ باياناتى بىلەن بىلىپ - بىلمەي خىتاي رەھبەرلىرى ھازىرغىچە ئېتىراپ قىلمىغان بىر ھەقىقەتنى دۇنيا جامائەتچىلىكى ئالدىدا ئېتىراپ قىلغان. 2002-يىلى دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا رەسمىي سۆھبەتلەر باشلاندى. ھازىرغىچە ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرى بەش قېتىم ئۇچرىشىپ سۆھبەتلەشتى. لېكىن بۈگۈنگىچە ھېچقانداق خىتاي رەھبىرى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بىلەن تىبەت مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئېتىراپ قىلمىغان ئىدى. پونتسوڭ، بۇنداق سۆھبەتلەرنىڭ رەسمىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئېتىراپ قىلغان تۇنجى خىتاي ئەمەلدارى ھېسابلىنىدۇ.
دالاي لامانىڭ تىبەت مۇستەقىللىقىدىن ۋاز كىچىپ خىتايدىن ئالىي ئاپتونومىيە تەلەپ قىلغانلىقىغا قارشى چىقىۋاتقان تىبەتلىكلەرنىڭ سانىمۇ ئاز ئەمەس. دالاي لاما ۋە سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ قارشى چىقىشىغا قارىماي بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت باشلىغان. دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى ئۈكتىچىلەرنىڭ نارازىلىقىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەر نەتىجىلىك بولدى دەپ بايانات بېرىۋاتامدۇ ؟ قانداق؟
كېت ساندارز خانىم: تىبەتلەر ئارىسىدا دالاي لامانىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىگە قارشى چىقىۋاتقانلار بار. نىمشكىدۇر خىتاي تەرەپ بۇ سۈھبەت ھەققىدە ئىجابىي بىر نېمە دىمەي كەلدى . ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى بىر رىئاللىق . خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دالاي لامانى تىبەت خەلقىنىڭ ۋەكىلى دەپ ئېتىراپ قىلىپ، ئۇنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن تىبەت مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ۋە بۇ سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ ئۆزىلا، بىز ئۈچۈن غەلىبە ۋە نەتىجە ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى 2002- يىلىغىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق سۆھبەت ئېلىپ بېرىشنى قەتئىي رەت قىلغان. لېكىن ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەتلەرنىڭ ھازىرغىچە ئەمەلىي بىر نەتىجىسى كۆرۈلمىگەنلىكى نۇرغۇن تىبەتلىكلەرنى بۇ سۆھبەتلەردىن ئۈمىدسىزلەندۈرىۋاتقانلىقىمۇ بىر ھەقىقەت. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تەرەپتىن دالاي لاما نىڭ ۋەكىللىرى بىلەن تىبەت مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە بىر تەرەپتىن، تىبەتكە خىتايلارنىڭ كېلىشىنى ئاسانلاشتۇرىدىغان ھەمدە تىبەتنىڭ مۇھىتىنى بولغايدىغان ۋە تىبەت مەدەنىيىتىگە بىر تەھدىت ھېسابلىنىدىغان تۆمۈر يولنى ئېلىپ كېلىشى تىبەت خەلقىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىماقتا. ئەمما ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەرگە قاتناشقان دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى، تىبەت خەلقىنى سەۋىرچان بولۇشقا ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەتلەرنى ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر مەسىلە دەپ قاراشقا چاقىرىۋاتىدۇ. لېكىن، سىزمۇ ئېيتقاندەك، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەتنىڭ ئاداققىچە داۋاملىشىشى مۇمكىن ئەمەس، بۇ سۆھبەتلەرنىڭ بىر نەتىجىسى بولۇشى كېرەك. بىز بۇنىڭ نەتىجىلىك بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
تىبەت ھۆكۈمەت رەئىسىنىڭ باياناتىنىڭ سىزچە، چىڭخەي-تىبەت تۆمۈر يولىنىڭ ئىچىلىشىغا قارشى تىبەتلىكلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن ئالاقىسى بارمۇ - يوق ؟
كېت ساندارز خانىم: ياق، مېنىڭچە، چامپا پونتسوكنىڭ باياناتىنىڭ چىڭخەي-تىبەت تۆمۈر يولىنىڭ ئىچىلىشىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن ئالاقىسى يوق. چۈنكى پونتسوكنىڭ باياناتىدا يېڭى بىر نېمە يوق. خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ نەچچە ئون يىلدىن بېرى دالاي لاما ۋە تىبەت ھەرىكىتى ھەققىدە ئېيتىپ كەلگەن سۆزلىرى. ئەمما چىڭخەي-تىبەت تۆمۈر يولىنىڭ ئىچىلىشىغا قارشى چەتئەللەردە تىبەتلىكلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ خىتاي رەھبەرلىرىنى ئالاقزادە قىلغانلىقى ئېنىق.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- بېيجىڭپەرەس تىبەت رەھبىرى دالاي لاما بىلەن بولغان سۆھبەتتە ئىلگىرىلەش يوق دېدى
- خىتاي تىبەتولوگىيە ئەمەلدارى: دالاي لامانىڭ تەلىپى سۆھبەتكە توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
- بېيجىڭ دالاي لامانىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىشىغا يول قويۇشى مۇمكىن
- تاشى ۋاڭدى: بېيجىڭ دالاي لامانىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىشىغا يول قويۇشى كېرەك
- خىتاينىڭ دالاي لاما بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە ئىلگىرلەش بولمىغان
- خىتاي تىبەتكە ئالى ئاپتونومىيە بېرەمدۇ؟
- دالاي لاما ۋەكىلى خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن 5-قېتىملىق سۆھبەتنى باشلىدى
- دالاي خىتاي بىلەن ئۆتكۈزىلىغان 5-قېتىملىق سۆھبەتنىڭ پات ئارىدا باشلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى









