ئەينى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تىل، ئەدەبىيات، تارىخ ۋە باشقىمۇ ساھەلىرىدە داڭقى چىققان ئالىملار ئىجادىيىتىنىڭ، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن زور قىزىقىش بىلەن قارشى ئېلىنىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ جەھەتتە ئۇيغۇر ئالىملىرىنى ياد ئېتىش، ئۇلارنىڭ ئەمگەكلىرىنى قايتا نەشىر قىلىپ، تەرغىب قىلىش ئىشلىرىمۇ كەڭ قانات يايغان. ئىسمى پەقەت ئۇيغۇر ئېلىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ سىرتىدىمۇ مەشھۇر بولغان ئەنە شۇنداق ئالىملارنىڭ بىرى، ئاتاقلىق تىلشۇناس خەمىت تۆمۈر ھەققىدىكى بىر ماقالە يېقىندا قازاقىستاندىكى جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىدە ئېلان قىلىندى. ئالىمنىڭ 90 يىللىق تەۋەللۇتىغا بېغىشلانغان مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاپتورى ئەينى ۋاقىتلاردا ئالىمنىڭ ئۆزى بىلەن تونۇشقان تىلشۇناس، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزات دوكتورى رۇسلان ئارزىيېفتۇر. «ئاتاقلىق تىلشۇناس، كۆرنەكلىك ئالىم خەمىت تۆمۈرنىڭ تۇغۇلغىنىغا 90 يىل» ناملىق بۇ ماقالىدە خەمىت تۆمۈرنىڭ ئۆمۈر بايانى ۋە ئىلمىي پائالىيىتى ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلگەن.
بىز ئەنە شۇ ماقالە ئاپتورى، ئاباي نامىدىكى قازاق مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى رۇسلان ئارزىيېفنى زىيارەت قىلدۇق.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان رۇسلان ئارزىيېف ئەپەندى ئۆزىنىڭ 1991-يىلى خەمىت تۆمۈر بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ئۇ ۋاقىتتا خەمىت تۆمۈر ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى غوجائەخمەت ئاكا سەدۋاقاسوفنىڭ رەسمىي تەكلىپى بىلەن بېيجىڭدىن كەلگەن ئىدى. شۇ ۋاقىتلاردا خەمىت ئاكىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ مورفولوگىيەسى بويىچە چوڭ مونوگرافىيەسى نەشىر قىلىنىپ، ياخشى ئىنكاسلار بولغاندى. غوجائەخمەت ئاكىمۇ خەمىت تۆمۈرنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىدىكى يېڭىلىقلارنى تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بولۇشى كېرەك. شۇ ۋاقىتلاردا خەمىت ئاكىنىڭ سۈرەتلىرىگە قارىساقمۇ، ناھايىتى سالماقلىق، پاراسەتلىك، ئۇيغۇرنىڭ ھەقىقىي ئىلىم ئالىمى، پروفېسسورى ئىدى. يازغان ئەمگەكلىرىدىمۇ يېڭىچە كۆز قاراشلار، يېڭىچە پىكىرلەر بار ئىدى. خەمىت تۆمۈر ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەبئىىتىگە چوڭقۇر چۆكەلىگەن ئالىم ئىدى.»
رۇسلان ئارزىيېف يەنە خەمىت تۆمۈرنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ بىر ئورتاق تىل قانۇنىيەتلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش يولىدا قىلغان خىزمەتلىرىنىمۇ ئالاھىدە تەكىتلىدى.
ئىگىلىشىمىزچە، خەمىت تۆمۈر 1931-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تۇرپان تەۋەسىگە قاراشلىق قاراغوجا يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغاندىن كېيىن، 1948-1949-يىللىرى شىنجاڭ ئۆلكىلىك تىل مەكتىپىدە ئوقۇغان. كېيىن خەمىت تۆمۈر كۇچا ناھىيەلىك باشلانغۇچ مەكتەپتە مۇئەللىم بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ سابىق شىنجاڭ ئۆلكىلىك كادىرلار مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 1954-يىلغىچە شۇ مەكتەپتە ئىشلىگەن. 1954-يىلى بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتىغا يۆتكىلىپ، تا 1992-يىلغىچە ئوقۇتقۇچى، بۆلۈم باشلىقى، ئىنستىتۇت مۇدىرىنىڭ ئورۇنباسارى بولۇپ ئىشلىگەن. ئالىم 1992-يىلى ش ئۇ ئا ر تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتىغا يۆتكىلىپ، 1997-يىلغىچە شۇ يەردە خىزمەت قىلغان.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئاتاقلىق تىلشۇناس، ئاكادېمىك مەرھۇم غوجائەخمەت سەدۋاقاسوفنىڭ رەپىقىسى ئوماق ھەسەنوۋا خانىم خەمىت تۆمۈرنىڭ قازاقىستانغا قىلغان زىيارىتىنى ئەسلەپ ئۆتتى.
خەمىت تۆمۈر بېيجىڭدا مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا 37 يىل داۋامىدا رەھبەرلىك خىزمەتلەردە بولۇش بىلەن بىر قاتاردا، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى، چاغاتاي-ئۇيغۇر تىلى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى، پارس تىلى ۋە تەرجىمە نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيەتى تەتقىقاتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان.
خەمىت تۆمۈر 1992-يىلى ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئاتاقلىق تىلشۇناس مىرسۇلتان ئوسمانوف بىلەن بىرلىكتە 1993-يىلى «چاغاتاي تىلى توغرىسىدىكى قاراشلىرىمىز»، 1995-يىلى قەدىمىي ئۇيغۇر تىلى بويىچە «‹قۇتادغۇ بىلىكتە› ئىپادىلەنگەن ئەدەبىي تىل ھەققىدە» ناملىق مەشھۇر ماقالىلەرنى يازغان. ئۇ شۇنداقلا 1981-يىلى تىلچى تۇرسۇن ئايۇپ بىلەن بىرلىكتە ئەھمەد يۈكنەكىنىڭ «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» ئەسەرىنى، 1982-يىلى تارىخچى ئەنۋەر بايتۇر بىلەن بىرلىكتە موللا نېمەتۇللا مۆجىزىنىڭ «تەۋارىخى مۇسىقىيۇن» ناملىق ئەمگىكىنى، 1988-يىلى تىلچى ئابدۇرەئۇپ پولات بىلەن بىرلىكتە ئەلىشېر ناۋايىنىڭ «مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەين» ناملىق ئەسىرىنى ۋە باشقىلارنى نەشىرگە تەييارلىغان. بۇنىڭدىن تاشقىرى ئالىمنىڭ «ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكا تەتقىقاتىدىكى بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدا»، «ئۇيغۇر تىلىدىكى ياردەمچى پېئىللار ۋە ئۇلارنىڭ رولى توغرىسىدا»، «ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىملىق سۆزلەر ۋە ئۇلارنىڭ رولى توغرىسىدا» ناملىق بىر قانچىلىغان ماقالىلىرى مەشھۇر ئىلمىي ژورناللاردا يورۇق كۆرگەن ۋە تەتقىقاتچىلار ئارىسىدا زور قىزىقىش ھاسىل قىلغان.